برازىلىئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) برازىلىئانلار برازىلىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى برازىلىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 125 مىليون 540 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 8.96 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا پاراگۋاي، ئارگېنتېنا، ئامېرىكا، بولىۋىيىدىمۇ بىر قىسم برازىلىئان تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 130 مىليون.
برازىلىئانلار ئارىلاشما قانلىقلار (شالغۇت) ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پورتۇگال تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
برازىلىئانلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى كىشلەر ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنىڭ قالدۇقلىرىنى ھېلىمۇ ساقلاپ قالغان.
بىرازىلىئانلارنىڭ 37 پىرسەنتى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كېۋەز، كۆممىقوناق ۋە شېكەر قومۇچى، دادۇ، كاكاۋۇ، قەھۋە ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقى كالا، چوشقا، ئات باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. قالغان بىر قىسمى ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
(2) برازىلىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 150 مىليون 560 مىڭ.
برازىلىيىلىكلەر برازىلىئانلار، ئىندىئانلار ۋە چەت ئەللىك كۆچمەنلەردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كىشلەردىن تەركىب تاپقان.
برازىلىيىلىكلەر ئاساسەن (90 پىرسەنتى) كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى، چارۋىچىلىقى، ئورمانچىلىق ۋە بېلىقچىلىقتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر ئىسسىق بەلباغدا ياشىغانلىقتىن، كىيىم - كېچەككە بەكمۇ تۈچۈپىلەپ كەتمەيدۇ، ئادەتتە ئەرلىرى كۆينەك بىلەن قىسقا ئىشتان، ئاياللىرى ئوچۇق رەڭلىك رەختتىن يوپكا بىلەن كوپتا كېيىپ يۈرۈۋېرىدۇ.
برازىلىيىلىكلەرنىڭ توي - تۆكۈن، نىكاھ ئىشلىرى غەرب ئەللىرىدىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
برازىلىيىدە قىزلارنىڭ قىزلىقىنى ساقلاشقا بەكمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.
برازىلىيىكلەرنىڭ شاتلىق (تەنتەنە) بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، دېڭىز ئىلاھى بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، پاسخا بايرىمى، ئاتىلار بايرىمى، ئۆكۈز بايرىمى، كۆچمەنلەر بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. بۇ بايراملىرى ئىچىدە شاتلىق بايرىمى ھەر يىلى 2 - ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئەڭ كاتتا بايرىمى بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. برازىلىيىلىكلەر يېڭى يىل بايرىمى، روژدېستۋو، پاسخا بايرىمىنىمۇ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ، يېڭى يىل ھارپىسى ئاخشىمى سائەت 12 گە داڭ ئۇرۇلغاندىن كېيىن ھەممە كىشى مەشئەل كۆتىرىپ، تاققا چىقىپ ئورمانلىققاكىرىپ بەخت سىمۋولى بولغان ئالتۇن رەڭلىك قېيىن مېۋىسىنى ئىزدەيدۇ. بۇ خىل مېۋىنى كىم كۆپ تاپسا، شۇ كىشى يېڭى بىر يىلدا بەختلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
دېڭىز ئىلاھى بايرىمى ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە دېڭىز بويىدىكى شەھەر سالۋادوردا بۇ بايرام ئەڭ قىزغىن ۋە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدۇ.
قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى ئەرۋاھ بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىپ ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر ئاقكۆڭۈل،قىزغىن كېلىدۇ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر قەھۋە (كوفى) دەرىخىنى دۆلەت دەرىخى دەپ قاراپ، ئۇنى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. برازىلىيىلىكلەر مۇزىكىغا خۇشتار، ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ <سانبا ئۇسسۇلى> داڭلىق.
برازىلىيىلىكلەر سېرىق رەڭنى مۇسىبەتتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قاراپ ئۇنى يامان كۆرىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر سۆسۈن رەڭلىك گۈلنى ئۆلۈمنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ، بېغىر رەڭلىك نەرسىلەرنىمۇ يامان كۆرىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر 13 - ئاۋغۇسىت كۈنىنى خەيرىسىز، بىتەلەي كۈن دەپ قارايدۇ ھەم شۇ كۈنى كىشلەر بەكمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىشىدۇ، كىشلەر شۇ كۈنى بىر تەرەپتىن ئامەت تىلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن پالاكەتكە ئۇچراپ قېلىشتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئوڭ پۇت بىلەن يەر دەسسەش، شوتىنىڭ ئاستىدىن ئۆتمەسلىك، مۈشۈك بولۇپمۇ قارا مۈشۈككە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش، باش يۇماسلىق، كوچىغا چىققاندا ئارقىغا قارىماي مېڭىش، قەبرە بار جايدىن ئۆتكەندە دۇئا قىلىش، ھەرگىز جېدەل - ماجىرا قىلماسلىق، كۆپ يەپ - ئىچمەسلىك، ئۆيگە يېرىم كېچىدە قايتماسلىق، ئەينەككە قارىماسلىق، سومكا قاتارلىق نەرسىلەرنى يەرگە قويماسلىقتىن ئىبارەت 13 ماددىلىق پەرھىز بەلگىلەنگەن.
برازىلىيىلىكلەردە بولۇپمۇ ئىندىئانلاردا ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى ئالدى بىلەن بويىنى سۇغا سالدۇرۇش، يۇيۇندۇرۇش ئارقىلىق كۈتۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدە بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت ساقلىنىپ كەلگەن.
برازىلىيىلىكلەر كەترەن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل نىلوپەرسىمان گۈلنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ.
برازىلىيىلىكلەر كېپىنەكنى ئامەتنىڭ نىشانى، يىگىت بىلەن قىزلار ئارىسىدىكى ساپ مېھىر - مۇھەببەت ۋە شىرىن نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.