UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرشۋېتسارلار

شۋېتسارلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر شۋېتسارلار شۋېتسارىيىدە ياشىغۇچى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، نوپۇسى 6 مىليون 400 مىڭ. ئۇلارنىڭ 70 پىرسەنتىنى نېمىسلار (گېرمانلار) نەسلىدىن بولغان شۋېتسارلار، 20 پىرسەنتىنى فرانسۇزلار نەسلىدىن بولغان شۋېتسارلار، 4 پىرسەنتىنى ئىتالىيانلار نەسلىدىن بولغان شۋېتسارلار ۋە رېتو - رومانلار ئىگىلەيدۇ. شۋېتسارلار ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ شۋېتسارلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نېمىس، فرانسۇز، ئىتالىيان ۋە رېتو - روما تىللىرىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ 53 پىرسەنتى پروتېستانتىزمغا، 46 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شۋېتسارلار سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتى سائەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، قىزىلچا، ئۈزۈم ئۆستۈرىلىدۇ. شېۋېتسارلارنىڭ ئەجدادلىرى كېلىتلار، ئالېمانلار، رېتو - رومانلار، بۇرگۇندلار قاتارلىق قەدىمكى گېرمان قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت ھازىرقى شۋېتسارىيە ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئاساسلىق ئۈچ مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنى مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅰ ئەسىردە رىملىقلار بېسىۋالغان، Ⅷ ئەسىردە فرانك پادىشاھلىقىغا، Ⅺ ئەسىردە مۇقەددەس رىم ئېمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. 1815 - يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن <مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت> دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. شۋېتسارلارنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر گۇرۇھلىرى ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان تۆت مىللەتكە بۆلۈنىدۇ. ھەر يىلى ھەر قايسى مىللەتلەر مىللىي ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە خىلمۇ - خىل مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر