UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتاگاللار

تاگاللار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تاگاللار فىلىپپىندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاھالىسى ئاساسەن لۇزون ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمى ۋە مانىلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە مىندانائو ئارىلى، ماسىبات ۋە مالىندۇك ئاراللىرىنىڭ قىرغاقلىردىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 22 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. تاگاللار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، بىراق ئىسپانلار بىلەن خەنزۇلار قان سىستېمىسى ئارىلاشقان. تاگاللار جەنۇبىي ئارال تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تاگال تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇتىل ھازىر فىلىپپىننىڭ دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار. تاگاللارنىڭ كۆپىنچىسى خرستىئان دىنىغا، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تاگاللار ئاساسەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ، كۆپرەك شال، شېكەر قومۇچى، قەھۋە، كوكۇس پالمىسى، مانىلا كەندىرى ۋە تاماكا ئۆستۈرىدۇ. دېڭىز بويلىرىدىكىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تاگاللارنىڭ ئەجدادلىرى مالايا ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر