سىر - تاردۇشلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سىر - تاردۇش - ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھەمدە خانلىق نامى، ئۇلار سىرلار ۋە تاردۇشلاردىن ئىبارەت ئىككى قەبىلە ئۇرۇقىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت بولۇپ، ئەسلىدە تۆلۆس (تېلې) قەبىلىلىرىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى. دەسلەپ تۈركلەرگە بەيئەت قىلىپ شىمالىي چۆللۈكتىكى تۇغلا دەرياسى ۋادىلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، 605 - يىللىرى تۆلۆس قەبىلىلىرى غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغاندا، ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدىكى بىر قىسم سىر - تاردۇشلار قەبىلە باشلىقى ئىشبارا قاغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئالتاي تېغى ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ، تۆلۆس قەبىلىلىرى ئىچىدىكى كۈچلۈك قەبىلىگە ئايلانغان.
628 - يىلى غەربىي تۈرك خانلىقىدا مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندە ئىشبارانىڭ نەۋرىسى ئىنانچى ئۆزىگە تەۋە قەبىلىلىرنى باشلاپ ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىلىرىغا قايتىپ كېلىپ، شەرقىي تۈرك قاغانى - ئېلىك قاغان (620 - 630) غا ۋاقتىنچە بەيئەت قىلغان. شەرقىي تۈرك خانلىقىدا مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندە ئەتراپىدىكى توققۇز تۆلۆس ئىچىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، باشقا تۆلۆس قەبىلىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئىنانچىنى ئۆزلىرىگە يولباشچى قىلىپ تىكلىگەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭمۇ يارلىق چىقىرىپ ئىنانچىغا <ئىنچۇ بىلگە قاغان>(بىلىملىك ئەزىز قاغان) دەپ نام بەرگەن، ئىنانچى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنى بېسقتۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. سىر - تاردۇش خانلىقىنىڭ زېمىنى كېڭىيىپ، شەرقتە ھىنگان تېغىدىن تارتىپ غەربتە ئالتاي تېغىغىچە، جەنۇبتا خېتاۋدىن تارتىپ شىمالدا سېلىنگا دەرياسىغىچە بولغان كەڭ رايونغا يېتىپ بارغان، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشقان. خانلىقنىڭ بارگاھى ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدا ئىدى. كېيىن سىر - تاردۇش قاغانى - تومېد قاغان دەۋرىدە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كورىيە (چاۋشىيەن) گە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خېنەن ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ زەربىسى ئاستىدا تومېد قاغان ئۆلتۈرۈلۈپ، سىر - تاردۇش خانلىقى 646 - يىلى يىمىرىلگەن.