UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرخېخېلار

خېخېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر خېخېلار تانزانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋاخېخېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار تانزانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىرىنگا رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. خېخېلار زۇنگۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە خېخې تىلىنى قوللىنىدۇ، سىۋاھلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. خېخېلار ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرستىئان دىنى ياكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئاھالىلىرى ئىچىدە پىرىخونلۇق ئەۋج ئالغان. خېخېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆپرەك كۆممىقوناق، باتات، خاسىڭ ۋە كۆكتات ئۆستۈرىدۇ، چارۋىچىلىق قوي، كالا باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر