UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئېۋېلار

ئېۋېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئېۋېلار <ئىبېلار>، <كرېپېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، غەربىي ئافرىقىنىڭ گۋىنىيە قولتۇقى ئەتراپىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئاھالىسىنىڭ 54 پىرسەنتى گانانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى (1 مىليون 130 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار گانا نوپۇسىنىڭ 8.11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىر قىسمى بېنىننىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىغا ۋە نىگېرىيە، تۇگۇدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار تۇگۇ نوپۇسىنىڭ 21 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 780 مىڭ. ئېۋېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردۇفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋا تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئېۋې تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. ئېۋېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، كۆپ ئىلاھقا ھەم ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئېۋېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، سۆك، پاتات، كاكائو، كېۋەز، پالما قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. ئېۋېلاردا ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىكى قىلىنىدۇ، پاترىئارخاللىق تۈزۈم ۋە ئۇرۇق قەبىلىداشلىق تەشكىلاتلىرى ساقلىنىپ كەلگەن، قەبىلە ئاقساقاللىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، قەبىلە ئاقساقاللىرى ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن سايلىنىدۇ. ئېۋېلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى ھېلىمۇ مەۋجۇت. ئېۋېلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى بايرىمى <ئابوبوزا بايرىمى> بولۇپ، بۇ بايرام ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ كۈنلىرى ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدۇ، خىلمۇ - خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئېۋېلاردا چېلىشىش كەڭ قانات يايغان بولۇپ، ئۇلاردا <چېلىشىشنى بىلمىسەڭ خوتۇنسىز قالىسەن> دەيدىغان گەپ بار، ئېۋېلاردا ھەر يىلى 7 - ئايدا بىر ھەپتىلىك كاتتا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئېۋېلار خۇش پېئىل، ئوچۇق - يورۇق ۋە ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ.ئېۋې ئاياللىرى كالپۇكلىرىنى بويىۋېلىش بىلەنلا قالماستىن، يەنە بەدىنىنىڭ 10 نەچچە يېرىگە گۈل چېكىۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر