UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنىگۇنىلار

نىگۇنىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر نىگۇنىلار <مازىتۇلار>، <ئانىگۇنىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نىگۇنىلار ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغۇچى ئەڭ چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھچى بولۇپ، ئاساسەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، لېسوتو، سۋازىلاند، بوتسۋانا، زىمبابۋې، موزامبىك، زامبىيە، مالاۋى ۋە تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 15 مىليون. نىگۇنىلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ. نىگۇنىلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە تونگا ۋە سىۋاھىلى تىلىنى قوللىنىدۇ. نىگۇنىلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. نىگۇنىلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نىگۇنىلار ئاساسەن كۆممىقوناق ئىستېمال قىلىدۇ. نىگۇنىلارنىڭ ئەنئەنىۋى كاتتا بايرىمى <ئېنكۋا بايرىمى> بولۇپ، بۇ ئاساسەن كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى تىلەش، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كۆممىقوناق باش چىقارغان مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، شۇڭا ئۇ مول ھوسۇل بايرىمى دەپمۇ ئاتىلدۇ، بايرام ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر