UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتېلۇگۇلار

تېلۇگۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تېلۇگۇلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىدە <ئاندخارالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تېلۇگۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندىستاننىڭ ئانىدخارا، تامىلناد ۋە كاناتاك شىتاتلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى قوشنا شىتاتلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تېلۇگۇلار ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ 6.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. نوپۇسى تەخمىنەن 63 مىليون 500 مىڭ. تېلۇگۇلار موڭغۇل ئىرقى ئارىلاشقان دراۋېد ئىرقىغا كىرىدۇ، دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تېلۇگۇ تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ مىللىي يېزىقى بار. تېلۇگۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندى دىنىغا، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنى بىلەن خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تېلۇگۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، سېرىق كەندىر، تاماكا ۋە باشقا ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرىدۇ. بىر قىسىم ئاھالىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تېلۇگۇلارنىڭ ئەجدادلىرى شىمال تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن ئانىدخارالار بىلەن كالىنگالىقلار ئىدى، ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، دراۋېدلار، ئارىئانلار قاتارلىق يەرلىك قەدىمكى خەلقلەر ۋە كېيىن كەلگەن موڭغۇل ئىرقىدىكىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئارا قوشۇلۇشى بىلەن ھازىرقى تېلۇگۇ مىللىتى شەكىللەنگەن. تېلۇگۇلار قىزىلمۇچ (لازا) بىلەن كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كەم يەيدۇ، قېتىق، ھاراق، تاماكا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولمايدۇ. تېلۇگۇلار ئۇزاق تارىخ ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. سانسىكىرىت يېزىقىدا پۈتۈلگەن دۇنياغا مەشھۇر <ماخاپخاراتا> داستانىنى تېلۇگۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنى ⅩⅣ ئەسىردە <ئانىدخارا - ماخاپخاراتا> نامى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، تېلۇگۇ يازما ئەدەبىياتىغا ئاساس سېلىنغانىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر