ئۆزبېكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئۆزبېكلەر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت (نوپۇسى 12 مىليوندىن كۆپرەك) بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغانلىرى ئاففانىستان (تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ)، تاجىكىستان (870 مىڭ)، قىرغىزىستان (420 مىڭ)، قازاقىستان (260 مىڭ)، تۈركمەنىستان (230 مىڭ) ۋە تۈركىيە، ئىران، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (14 مىڭ) غا جايلاشقان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە، كانادا، پاكىستان قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 24 مىليون 780 مىڭدىن كۆپرەك.
ئۆزبېكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ئالتاي تىللىر سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى غەربىي ھۇن تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئۆزبېك تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.
ئۆزبېكلەر تارىختا زەردەشىت، مانىزم ۋە شامانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرلەردە، باكتىرىيە، خارەزىم، سۇغدىيانا ۋە ئارشاڭ قاتارلىق قەدىمكى دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅳ ئەسىرلەردە ئىران ئەخمىنىد خاندانلىقى ۋە ماكېدۇنىيىلىك ئالېكساندىر قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېفتالىتلار، كۇشانلار ۋە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئەرەب ئىمپېرىيسىنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ كەلگەن. Ⅸ - ⅩⅢ ئەسىرلەردە سامانىيلار، قاراخانىيلار ۋە خارەزىم خانلىقى قۇرۇلغان ھەمدە ⅩⅠ - ⅩⅡ ئەسىرلەردە ئۆزبېكلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان دۆلەت شەكىللەنگەن.
ئۆزبېكلەر ئاساسەن بۇغداي ئۇنى بىلەن گۈرۈچ ۋە گۆشنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، ئۆزبىك تائاملىرىنىڭ تۈرى كۆپ، تەمى ئۆزگىچە كېلىدۇ، ئادەتتە نان، سۈتلۈك چاي، پولو، مانتا، نارېن چۆپ، ئۈگرە ئاش، لەغمەن، چۆپ، مەستاۋا، قورداق، شورپا، كاۋاپ، ھورنا، پەرمۇدە، قېزا، ئۆپكە - ھېسىپ، پوسىت دۈمبە، ماش كىچىر قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكچە پولو، پېچەن، رىشالە، نارېن ئۆزبېكلەرنىڭ مېھمانلارغا قويىدىغان ئەڭ ئېسىل تائاملىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دوپپا بىلەن ئەتلەس، بەقەسەم قاتارلىق رەختتىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەكلەردە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزبىك ئەرلىرى ئۇچىسىغا كانوۋاي كۆينەك، ئۇزۇن يەڭلىك، ياقىسز بەقەسەم تون كېيىپ، بېلىگە كەشتىلەنگەن ئۈچ بۇرجەكلىك بەلباغ (پوتا) باغلىۋالىدۇ، پۇتىغا ئۆتۈك ياكى مەسە كېيىدۇ، بېشىغا ياز كۈنى رەڭگى ئوچۇق، گۈل كەشتىلەنگەن تۇس دوپپا، قىش كۈنلىرى تۇماق (سەرپۇش) ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا (تۇس دوپپا)، تاشكەنت دوپپىسى، مەرغىلان دوپپىسى قاتارلىقلار.
ئۆزبېك ئاياللىرى كۆپىنچە تىك ياقىلىق، ئېتىكىدە چېكى بار ئۇزۇن چاپان، كۆپ پۈرمىلىك ئەتلەس كۆڭلەك، كەشتىلىك پىنجەك دوپپا كېيىپ ئۈستىگە نېپىز رومال سالىدۇ، پۇتىغا مەسە ياكى ئۆتۈك - كالاچ كېيىدۇ؛ ئۆزبېك قىزلىرىنىڭ دوپپىسى بىلەن كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ پاسونى ۋە رەڭگى تۇرمۇشلۇق بولغان ئاياللارنىڭكىدىن بىر ئاز پەرقلىنىدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ مۇسىبەت كىيىم - كېچەكلىرى كۆپرەك قارا بولىدۇ، ئەرلىرى بېلىگە قارا بەلباغ باغلايدۇ، ئاياللىرى <ماتەم لىباسى> دەپ ئاتلىدىغان قارا رەڭلىك ھازا كىيىمى كېيىپ، بېشىغا قارا ياغلىق ئارتىدۇ، بۇنى يەتتە كۈنگىچە يەشمەيدۇ.
ئۆزبېكلەر نورۇز، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى ۋە دىنىي بايراملارنى بىر قەدەر تەنتەنلىك ئۆتكۈزىدۇ.
ئۆزبېكلەردە قويۇق مىللىي تۈس ئالغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى - ئات بەيگىسى، چېلىشىش، قىلىچۋازلىق، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۆزبېكلەر بۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ھېيت - ئايەم، توي - تۆكۈن ۋە باشقا خاتىرە - مەرىكە كۈنلىرى ئېلىپ بارىدۇ.
ئۆزبېكلەر مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. ئۇلاردا <تۇمارس>، <شىراق>، <يادىگار>، <ئايسۇلۇ>، <ئالپامىش>، <گۈلى ئەييار>، <بابا دېھقان>، <قارا قۇش> ۋە <پەرھات - شېرىن> قاتارلىق ئەپسانە - رىۋايەت ۋە داستان، چۆچەكلەر ئەل ئىچىگە خېلى كەڭ تارقالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزبېكلەر ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا مول بېيت - قوشاق، ماقال - تەمسىل، تېپىشماق، لەتىپە - چاقچاق، مەسەل ۋە ئەقىلىيە سۆزلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىنى ياراتقان.
ئۆزبېكلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى خىلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۆزبىكلەر تارىخىدا، زەمەخشەرى مەھمۇد (1047 - 1144)، مەۋلانە لۇتفى (تەخمىنەن 1366 - 1455)، ناۋائىي (1441 - 1501)، ئاتايى (ⅩⅤ ئەسىر)، بابۇر(1483 - 1530)، سەككاكى (ⅩⅤ ئەسىر)قاتارلىق ئەدىب - شائىرلار؛ ئەھمەد فەرغانىي (800 - 861)، خارازىمى (780 - 850)، ئۇتبى (961 - 1022)، مىرخاند (1433 - 1493)، نەسىرىددىن تۈسى (1201 - 1274)، ئۇلۇغبېك (1394 - 1449) قاتارلىق ئالىم مۇتەپەككۇر، ئاسترونوم ۋە تارىخچىلار ئۆتكەن.
ئۆزبېكلەرنىڭ نىكاھ تۈزۈمى ۋە توي - تۆكۈن رەسمىيەت - مۇراسىم ئادەتلىرى ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئۆزبېكلەر ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ. ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دەپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا - ئانىلىرى، قېرى - چۈرىلەر، مويسىپىت كىشلەرنى ئالاھىدە ھۈرمەتلەيدۇ، داستىخانغا ئولتۇرغاندا ياشانغان كىشلەر تۆردە، كىچىكلىرى تۆشەكتە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ، غىزا ۋاقتىدا يۆتىلىش، چۈشكۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ، يەرگە تېخىمۇ تۈكۈرمەيدۇ، داستخاندىن ئاتلاپ ئۆتمەيدۇ.
ئۆزبېكلەردە بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بۆرىنى قەدىرلەش ئادىتى بار. شۇڭا ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ قولىغا بۆرە سۆڭىكىدىن ياسالغان ئۈزۈك سېلىپ قويىدۇ، بۆرە ئوشۇقىنى بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ، تۇغۇتلۇق ئۆيگە بۆرە چىشى، پەنجسى ياكى قۇيرۇقىنى ئېسىپ قويىدۇ، بوۋاقنى بۆرە تېرىسىگە يۆگەيدۇ....
ئۆزبېكلەر قۇمراقۇش (كەپتەرسىمان بىر خىل قۇش) نى خاسىيەتلىك، تەۋەرۈك جانىۋار دەپ بىلىدۇ ۋە ئۇنى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل قۇشنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئاسىرايدۇ.
ئۆزبېكلەردە 9، 7 رەقەم (سان) نى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار، ئۇلار بۇ رەقەمنى خاسىيەتلىك، مۇقەددەس دەپ قارايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەدەبىيات مىراسلىرى ۋە ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئۆزبېكلەردە يەنە ئوت ۋە تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىمۇ بار، شۇ سەۋەبتىن، يېڭىدىن تويى بولغان كېلىن يىگىت تەرەپكە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىغا گۈلخان سېلىپ، كېلىننى گۈلخاندىن ئاتلىتىپ ياكى ئايلاندۇرۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىدۇ، بۇ، تويى بولغان يىگىت بىلەن قىزنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈ گۈلخاندەك يالقۇنجاپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، جۈملىدىن يىگىت بىلەن قىزنىڭ نىكاھى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا تۇزغا چىلانغان بىر بۇردا نان يېگۈزۈلىدۇ.
ئۆزبېكلەرنىڭ قول ھۈنەر، سەنئىتىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆزبىك ئاياللىرىنىڭ نەپىس كەشتىلىرى، <سۆزەنە>، چىمىلداقلىرى، ئۆزبىكچە پەتنۇس، ئاپتۇۋا - چىلاپچىلىرى تولىمۇ چىرايلىق كېلىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ مەھسۇلاتلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
ئۆزبېكلەر ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن خەلق. ئۇلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرى كۆپ ئەۋجىلىك ھەم مۇڭلۇق كېلىدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، تەمبۇر، دۇتار، داپ قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.