UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەررۇئاندالار

رۇئاندالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر رۇئاندالار شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <رۇندىلار>، <نىيارۇئاندالار>، <بانىيارۇئاندالار>، <رۋاندالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رۇئاندالارنىڭ 1.56 پىرسەنتى رۇئاندا (4 مىليون 500 مىڭ) دا، 5.33 پىرسەنتى زايىر (2 مىليون 800 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغان قىسمى ئۇگاندا (700 مىڭ)، بىروندى (150 مىڭ) ۋە تانزانىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون 540 مىڭ. رۇئاندالار نېگىر ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە رۇئاندا تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار، رۇئاندا تىلى بىلەن فرانسۇز تىلى رۇئاندادا ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. رۇئاندالارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ. رۇئاندا ئاھالىسىنىڭ 97 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ئارىلاشما ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. رۇئاندالار بانتۇ نېگىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مىللەت بولۇپ، خورو - خورۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا خۇتۇ، تۇسى ۋە تۋادىن ئىبارەت ئۈچ قوۋمدىن تەركىب تاپقان، ئۇلار ئىچىدە خۇتولارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. رۇئاندا مىللىتىنىڭ ھەر قايسى قوۋملىرى ئېتنىك مەنبەسى جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. رۇئاندالار ئەدەپ - قائىدىلىك ھەم مېھماندوسىت كېلىدۇ، ئۆيلىرىگە كەلگەن مېھمانلىرىنى ھاراق ياكى باناندىن ئىشلەنگەن پىۋا بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. رۇئاندا ئاياللىرىدا بەدىنىگە گۈل چېكىۋېلىش، تاماكا چېكىش ئادەتلىرى بار.رۇئاندا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، يىگىت - قىزلىرى توي قىلغاندىن كېيىن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنداق قىلغۇچىلار جامائەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ، رۇئاندالاردا توي قىلىدىغان يىگىت - قىزلار تويدىن ئاۋۋال كۆچەت تىكىپ خاتىرە قالدۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت بار. رۇئاندالارنىڭ ئۆزگىچە ئادىتى شۇكى، ئومۇمەن قېرى - ياش، ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسى نەرسە كېرەكلەرنى بېشىدا كۆتۈرۈپ يول يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىچىك نەرسىلەردىن نەچچە ئون كىلوگرام كېلىدىغان نەرسىلەرگىچە، بىر بوتۇلكا ھاراقتىن سۇ ئېدىشلىرىغىچە بولغان نەرسە كېرەكلەرنى بېشىغا ئېلىۋېلىپ قۇرۇق قول ئۇزاق جايلارغىمۇ يەڭگىل كېتىۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر