يەمەنلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
يەمەنلەر غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئادەتتە <يەمەن ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قىزىل دېڭىز ئەرەب دېڭىزىدىكى ئاراللار يەنى ھازىرقى يەمەن جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىليون 850 مىڭ، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانى (ئاھالىسىنىڭ 6.6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر مىليوندىن كۆپرەك يەمەن مۇھاجىرى بار.
يەمەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. سوكوترا ئارىلى قاتارلىق جايلاردا ياشىغۇچى يەمەنلەرگە نېگىر ئىرقى، شەرقىي قىسمىدا ياشىغۇچى يەمەنلەرگە موڭغۇل ئىرقى تەركىبىمۇ ئارىلاشقان.
يەمەنلەر سام - ھام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ يەمەن دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. بەزى رايوندىكى يەمەنلەر ئىنگلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
يەمەنلەرنىڭ شىمالىي قىسمىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتتە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.
يەمەنلەر ئاساسەن (70 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، بۇغداي، ئارپا، تېرىق، قەھۋە، خورما، كېۋەز قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. بىر قىسمى كان ۋە نېفتلىكلەردە ئىشلەيدۇ.
يەمەنلەردە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قەدەر چوڭراق بولغان نۇرغۇن قەبىلە ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىدا ياشىغۇچى چارۋىچىلار ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قەبىلە مۇئەسسەسلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە.
يەمەنلەر ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسگە ئىگە مىللەت بولۇپ، بۇ كۆپرەك يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ئولتۇراق جاي قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
يەمەنلەرنىڭ ئولتۇراق جايلىرى ئوخشاش ئەمەس. تاغلىق جايلاردىكىلىرى ئاساسەن تاشتىن قوپۇرۇلغان قەۋەتلىك قەلئەسىمان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ؛ شەھەردىكىلىرى ئانچە ئېگىز بولمىغان بىنالاردا ئولتۇرىدۇ. چارۋىچىلىرى قۇم - بورانغا بەرداشلىق بېرىدىغان تاغ قاپتاللىرىدا ئولتۇرىدۇ.
شىمالىي يەمەنلەر ئاساسەن سۆك، كۆممىقوناق ۋە بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان قاتۇرماچ ۋە باشقا غىزالارنى ئېستىمال قىلىدۇ، گۈرۈچ بىلەن گۆش ئادەتتە ئۇلارنىڭ ھېيت - بايراملىق يېمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي يەمەنلەرنىڭ يېمىكىدە بېلىق خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
يەمەنلەرنىڭ ئەرلىرى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇچىسىغا ئەرەبچە ئۇزۇن پەرىجە ياكى يەكتەك كېيىپ، بېشىغا ياغلىق ئورىۋالاتتى. كېيىن ناماز ئوقۇش، ئىبادەت قىلىشقا ئەپلىك ئۇچىسىغا بىر پارچە ئەن رەختتىن تۆت چاسا پىلاش ئارتىۋالىدىغان، بېلىگە پىچاق ئېسىۋالىدىغان بولدى. ئاياللىرى قارا نىمچە كېيىپ، يۈزىنى قارا پەرەنجە بىلەن يېپىپ يۈرىدۇ، ھەتتا ئۆيلىرىگە كەلگەن ئەر مېھمانلار بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشمەيدۇ. بىراق جەنۇبىي يەمەنلەرنىڭ ئاياللىرى ھازىر ئاساسەن پەرەنجە ئارتماي، چىغ قالپاق كېيىۋالىدىغان بولدى. ئەنبەر ۋە ئەتىر سېپىپ يۈرۈش يەمەنلەردە ئادەتكە ئايلانغان.
يەمەنلەرنىڭ مېيتنى ئۇزىتىش ئۇسۇلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ۋە بەزى ئەرەب مىللەتلىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆلۈمنى <ئاللانىڭ دەرگاھىغا بېرىش> دەپ قارايدۇ.
يەمەنلەر باشقا ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش روزى ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت - بايراملارنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشتىن باشقا يەنە، ھەر يىلى ھىجرىيە رەجەپ ئاي (7 - ئاي) نىڭ بىرىنچى جۈمە كۈنلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تەنتەنىلىك پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
يەمەنلىكلەرنىڭ ئەرلىرى كات (بىر خىل ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئەرەب چېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) خۇمار كېلىدۇ. ئومۇمەن شەھەر - يېزىلىرىدا چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئەرلىرىنىڭ كات چايناپ يۈرگەنلىكىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بازاردىن كات سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنىدۇ.
يەمەنلىكلەردە ئوغۇل بالا 15 ياشقا توشقاندىن تارتىپ بېلىگە پىچاق ئېسىۋالىدۇ، بۇ بالاغەتكە يەتكەنلىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇنى ھەرگىز يېنىدىن ئايرىمايدۇ. پىچاقسىزلىق ئەرگە نسبەتەن ھاقارەتكە قېلىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا جىنايەتچىلەرنىڭ يېنىدا پىچاق بولمايدۇ.
يەمەنلىكلەر قىزىل رەڭنى كېلىچەكنىڭ، ئاق رەڭنى پاك - دىيانەتلىكنىڭ، قارا رەڭنى زۇلمەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
يەمەنلىكلەر بۈركۈتنى ئەزىزلەيدۇ.