ماكوندېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ماكوندېلار تانزانىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋاكوندېلار>، <كوندېلار>، <ۋاكوندېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ماكوندېلارنىڭ 8.93 پىرسەنتى تانزانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى (1 مىليون ئەتراپىدا) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىر قىسمى مۇزامبىكنىڭ شەرقىي شىمالىغا (60 مىڭ) ۋە تانگانىكا قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 280 مىڭ.
ماكوندېلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن ماتامبۋې، ماۋىيا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ ماكوندېلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ماكوندې تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. سىۋاھلى تىلىدىمۇ سۆزلىشىدۇ.ماكوندېلار ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن كۆممىقوناق، مانىخوت، ئاگۋا كەندىرى ئۆستۈرىلىدۇ.
ماكوندېلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ماكوندېلارنىڭ قول ھۈنەر - سەنئىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پېترو سېلتىس دەرىخى ياغىچى ئويمىكارلىقى بىلەن داڭق چىقارغان.
ماكوندېلارنىڭ ئاياللىرى يۈز - كۆزى ۋە كۆكرەكلىرىگە خىلمۇ - خىل گۈل چېكىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئومۇمەن قىزلار سەككىز يېشىدىن باشلاپ بەدىنىگە گۈل ۋە ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى چېكىپ، ياتلىق بولغىچە ئاساسەن پۈتۈن ئەزايىنى بېزەپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كالپۇكىنىمۇ تېشىپ ئۇنىڭغا ھالقا ئېسىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.