موسسلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
موسسىلار <ۋولتلار>، <موزىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ۋولىت مىللەتلەر تۈركۈمىگە تەۋە مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن موسسى - گرۇسلارنىڭ تۈپكى گەۋدىسى بولۇپ، ئاساسەن ۋولتا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بوكىنا فاسو(3 مىليون 500 مىڭ)، گانا (1 مىليون 750 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى كوتېدىۋا (100 مىڭ)، مالى (30 مىڭ)، توگو قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ئۇلار بوكىنا فاسو نوپۇسىنىڭ 43 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
موسسىلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ۋالت تىللىرى تارمىقىغا تەۋە موسسى تىلىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار، فرانسۇز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ.
موسسىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ؛ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
موسسىلارنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىقتا كۆممىقوناق، شال، تېرىق، خاسىڭ، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
موسسىلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئۆزگىچە كېلىدۇ، ئۇلار ئادەتتە يىگىت - قىزلىرى ئۈچۈن 8 - 12 ياش ۋاقتىدىلا پۈتۈشۈپ قويىدۇ، يىگىت تەرەپ ئادەتتە قىز تەرەپكە بىر مىكيان ئېلىپ بېرىپ قىز سورايدۇ، ناۋادا قىز تەرەپ مىكياننى قوبۇل قىلسا قوشۇلغان بولىدۇ، يىگىت توي قىلىشتىن بۇرۇن پات - پات قىز تەرەپكە بېرىپ، دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە ياردەملىشىدۇ، قىزمۇ يىگىت تەرەپكە بېرىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرىدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن قىزنىڭ سۈننىتىنى قىلىدۇ، سۈننەت قىلدۇرۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن قىزنى يىگىت تەرەپ يۆتكەپ كېتىدۇ. موسسىلارنىڭ توي مەرىكىلىرى ئادەتتە ھەر يىلى 3 - 4 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ.موسسىلارنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى <تانسې> بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مول ھوسۇل بايرىمى ھېسابلىنىدۇ، بۇ بايرامنى ھەر يىلى 7 - ئاينىك مەلۇم بىر كۈنىنى تاللاپ ئۆتكۈزىدۇ.
موسسىلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتى موسسى - گرۇسلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
موسسىلار قائىدە - يوسۇنلۇق ھەم خۇش چاقچاق كېلىدۇ، چاقچاق ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالاھىدە بىر شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلار مۇسىبەت كۈنلىرىمۇ ئۆزئارا چاقچاقلىشىپ ھازىدارلارنى قايغۇدىن خالاس قىلىدۇ.