دانىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دانىيىلىكلەر <دانلار>، <دانماركلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دانىيىلىكلەر دانىيە پادىشاھلىقىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت، ئاھالىسىنىڭ 6.89 پىرسەنتى دانىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 4 مىليون 980 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.96 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيىدىمۇ تەخمىنەن 650 مىڭدەك دانىيىلىك بار؛ ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 580 مىڭ.
دانىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق دېڭىزى (شىمالىي ياۋروپا) تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە دانمارك (دان) تىلىنى قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
دانىيىلكلەرنىڭ كۆپى (94 پىرسەنتى) خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم (ليۇتېر) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
دانىيىلىكلەرنىڭ ئاھالىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا دېھقانچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 84 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. چارۋىچىلىقمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. جۈملىدىن دۇنيادىكى 10 چوڭ بېلىقچى مىللەتنىڭ بىرى.
دانىيىلىكلەرنىڭ ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغانلىقتىن، تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
دانىيىلىكلەر ئاساسەن قەدىمكى گېرمانلارنىڭ دان، كىممېرىي، يۇتلان، ئەنگلو - ساكسون، فرىز قاتارلىق قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى ۋە بىر قىسىم قەدىمكى سىلاۋيانلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈش بىلەن Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەردە مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
دانىيىلىكلەر يېمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، غىزانىڭ مېزىلىك، كۆپ خىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار بىر سوتكا ئىچىدە ئالتە ۋاخ تاماق يەيدۇ، ئاساسەن بولكا بىلەن خىلمۇ خىل قورۇمىلار ۋە سېرىق ماي، ئېرىمچىك، تۇخۇم ئىستېمال قىلىدۇ، پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.دانىيىلىكلەر ئاساسەن كەشتىلەنگەن كىيىم - كېچەكلەرگە ئامراق كېلىدۇ.
دانىيىلىكلەر مۇھەببەت ۋە نىكاھ - ئائىلە ئىشلىرىدا بىر قەدەر ئەركىن كېلىدۇ، توي قىلىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىمۇ ئاددىي بولىدۇ، بىراق ئەر - خوتۇنلار بەكمۇ ئىناق ئۆتىدۇ. دانىيىلىكلەردە يېڭى توي قىلغان يىگىت - قىزلارنىڭ ئۇچىسىغا بۇغداي قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلارنى سېپىش ئادىتى بار. بىراق شەھەرلەردە بۇغداي ئورنىغا كۆپرەك رەڭگارەڭ قەغەز پارچىلىرىنى چېچىپ يىگىت بىلەن قىزنى تەبرىكلىشىدۇ.
دانىيىلىكلەرنىڭ روژدېستۋو، يېڭى يىل، توراي (دېڭىز دېلفىنى) ئوۋلاش بايرىمى، ھوسۇل بايرىمى .... قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
دانىيىلىكلەردە يەنە ھەر يىلى روژدېستۋو بايرىمىدىن يېڭى يىلغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە ئۇچار قۇشلارغا ئاتاپ، باغ - ۋاران ۋە يول بويلىرىغا ھەر خىل دانلىق زىرائەت باشاقلىرىنى ئېسىپ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ بايرامنى كىشلەر بىلەن بىرگە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىشىنى تىلەش ئادىتى بار.
دانىيىلىكلەر ئەدەپ - قائىدىلىك ۋە مېھماندوسىت كېلىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، مەيلى مەرتىۋىلىك كىشلەر ياكى ئادەتتىكى كىشلەر بولسۇن، بىردەك شىلەپىسىنى بېشىدىن ئېلىپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ.
دانىيىلىكلەر مېھمانغا بارغاندا گۈلدەستە ئېلىۋالىدۇ، دانىيىلىكلەر ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، قىزغىن كۈتىۋالىدۇ، ئارتۇقچە قۇرۇق تەكەللۇپ ۋە رەسمىيەتچىلىك قىلمايدۇ، بۇ جەھەتتە ئەرەبلەرگە ئوخشىمايدۇ، بىراق دانىيىلىكلەر ھاراق خۇمار كېلىدۇ. ئۇلار ھاراقنى <ھاياتلىق سۈيى> دەپ ئاتاپ، ئېزىز مېھمانلىرىنى كۈچلۈك ھاراق بىلەن مېھمان قىلىدۇ.