گۇرانېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇرانېلار <كالىئولار> ياكى <كالىخۇلار> <ئابالا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشىغۇچى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى.
ئۇلار دەسلەپ ئاند تاغلىرىدن تارتىپ، ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا قەدەر بولغان، گۋىئانادىن تارتىپ لاپلاتا دەرياسى ئارىسىدىكى كەڭ زېمىندا ئولتۇراقلاشقان، ھازىر ئاساسەن پارانا دەرياسى بىلەن پاراگۋاي دەرياسى ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 690 مىڭ ئۇلار ھازىر پاراگۋاي، برازىلىيە، بولىۋىيە ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق ئەللەر ئاھالىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان.
گۇارانېلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى (ئىندىئان) تىپىغا كىرىدۇ، ئوماگۋالار، كوكانۇلار ۋە چىلىگۋانۇلار قاتارلىق تارماققا بۆلۈنىدۇ.
گۋانېلار ئاند (ئىندىئان) تىللىرى سىستېمسى دۇبىن - گۇارانې تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇارانې تىلىنى قوللىنىدۇ. لاتىن ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار.
گۇارانېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
گۇارانېلار پاترىئارخاللىق چوڭ جەمەتنى بىرلىك قىلغان ھالدا چوڭ - چوڭ ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. گۇارانېلاردا قەبىلە ئاقساقىلى ۋارىسلىق قىلىنىدىغان مەنسەپ - مەرتىۋە ھېسابلىنىدۇ.
گۇرانېلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىدا بەدىنىگە خەت (گۈل) چېكىۋېلىش ئادىتى بار. ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرى بىر قەدەر ئاددىي ھەم ئىپتىدائىي بولىدۇ، سېھىرگەرلىككە چوقۇنىدۇ. ھازىر ئۇلار ئاقتەنلىكلەرگە كۈنسىر قوشۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.