تۆلۆس
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۆلۆس - ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر ۋە سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى قەبىلە - قوۋم نامى، بەزىدە <قاڭقىللار> (ئېگىز ھارۋىلىقلار) <چىلېلار>، <تۆلۆسلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار بارغۇت، توڭرا، كۈلۈگ، بايئىرقۇ، ئۇيغۇر، ئىزگىل، قۇن، قوشۇر، ئابۇس، چىگىل، ئوغۇز، بولو، قىرغىز، بۆركلى، تۆرۈ، تارلان، قۇغا، مويان، كىيان قاتارلىق 40 نەچچە قەبىلە - ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ تارقىلىش دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقتە تۇغلا، ئۇرقۇن - سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىدىن تارتىپ غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، Ⅴ ئەسىردە كۆك تۈركلەرگە قارام بولغان، ئۇلار تۈركلەرنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئۇزاق ۋاقىت كۈرەش ئېلىپ بارغان.
تۆلۆسلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن سىر - تاردۇشلار بىر قەدەر كۈچلۈك ئىككى قەبىلە بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يەرلىك خانلىق قۇرغان(<قەدىمكى ئۇيغۇرلار> ۋە <سىر - تاردۇشلار> غا قاراڭ).
تۆلۆسلەر ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت بولۇپ، تارىختا <چىلې قوشىقى>، <تۆلۆس سايلىقىغا مەدھىيە> بىلەن مەشھۇر ئىدى، بۇ قوشاقنىڭ تېكىستى ئىخچام ھەم ئاممىباب بولۇپ، يۈكسەك بەدىئىي - سېھرىي كۈچكە ئىگە، ئۇ جۇڭگۇ ئەدەبىيات تارىخىدا شانلىق ئورۇن ئىگىلەپ كەلمەكتە.
تۆلۆس قەبىلىلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆز ئىچىدىن بىر مۇنچە مەھەللىۋى تارماقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى (شىمالىي چۆللۈك ئەتراپىدىكىلىرى) خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن، بەزىلىرى (شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىكىلىرى) تۈركىي تىللىق قەبىلە - قوۋملارغا سىڭىشىپ كەتكەن.
مىلادى Ⅴ ئەسىردە تۆلۆسلەرنىڭ پوۋۇرغۇز قەبىلىسىدىن 100 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قەبىلە ئاقساقىلى ئاپۇرغۇرنىڭ باشچىلىقىدا غەربكە كۆچۈپ، موڭغۇل يايلىقى ۋە ئالتاي تاغلىرى ئارقىلىق، ئاخىرى ھازىرقى تۇرپاننىڭ يارغۇل ئەتراپىغا كېلىپ، 487 - يىلى قاڭقىل خانلىقىنى بەرپا قىلغان، ئاپۇغۇر ئۆزىنى چوڭ قاغان - <كۈل بىلگە قاغان> دەپ جاكارلىغان، 491 - يىلى جورجانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى پىشامشان، كىنگىت، قۇچۇغا كېڭەيتكەن. بۇخانلىق كېيىن 546 - يىلى تۈركلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
تۆلۆسلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تۈركلەرنىڭ زۇلىمىغا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا، Ⅷ ئەسىردە ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىسىدا ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى بەرپا قىلغان.