درۇزېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
درۇزېلار سۈرىيە، لېۋان، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق ئەللەردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 500 مىڭى سۈرىيىنىڭ تاغلىق رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغان قىسمى لېۋان، پەلەستىن (150)، ئىسرائىلىيە(8 مىڭ) ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
درۇزېلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ سۈرىيە دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىنگلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
درۇزېلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى درۇز مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.درۇزېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
<درۇزېلار> دېگەن بۇ نام ئەسلىدە ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى ئىچىدىكى ئىسمائىلىيلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان بىر تارماق مەزھەپنىڭ نامى بولۇپ، كېيىن بىر مىللەتنىڭ نامىغا ئايلانغان. بۇ دىنىي مەزھەپكە ئاساس سالغۇچى ئەل دەرازىلىي (تەخمىنەن 1019 - يىلى ۋاپات بولغان) دېگەن كىشى بولۇپ، Ⅺ ئەسىرنىڭ بېشىدا بۇ مەزھەپ ئاساسەن شەكىللەنگەنىدى.
درۇزېلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ ئائىلە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، نىكاھتىن ئاجرىشىش كەم ئۇچرايدۇ. يات مىللەتلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلاشمايدۇ، ئومۇمەن، باشقا مىللەتلەر بىلەن نىكاھلانغۇچىلار <كۇپار> ھېسابلىنىپ دىندىن ۋە يۇرت - ماكاندىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، قايتىپ كېلىشكە يول قويۇلمايدۇ.
درۇزېلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئەرەبلەردىن پەرقلىنىدۇ؛ ئۇلار ئۆشرە - زاكات تاپشۇرمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ؛ ھەج تاۋاپ قىلمايدۇ، كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمايدۇ، شەرىئەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دىنىي مۇراسىملىرىنى بېجىرمەيدۇ. پەقەت ھەپتىدە بىر قېتىم <خەلۋە> دەپ ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىلارغا يىغىلىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلاردا زەردۇشلار (ئاتەشپەرەسلەر) نىڭ بەزى ئادەتلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
درۇزېلارنىڭ ئاساسلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايرىمى قۇربان ھېيت بىلەن ئاشۇرا كۈنىدىن ئىبارەت.
درۇزېلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ. ئۇلار تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، چوشقا گۆشى يىمەيدۇ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدىمكى ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئالتە جىلدلىق قوليازما كالامى بولۇپ، ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ.
درۇزېلارنىڭ يېشىل، قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق رەڭلىك بايراقلىرى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ رىۋايەتتىكى ئادەم، نوھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئەيسا قاتارلىق بەش پەيغەمبىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان.