UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرشۋېدلار

شۋېدلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر شۋېدلار شىۋېتىسىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 8.85 پىرسەنتى شۋېتسىيىدە ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ شېۋىتسىيىدىكى نوپۇسى 7 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 مىليون 800 مىڭى فىنلانديە (300 مىڭ)، ئامېرىكا، كانادا، نورۋېگىيە، دانىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون 300 مىڭ. شۋېدلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق دېڭىزى تىپىغا ياكى شىمالىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىل تارمىقىغا تەۋە شۋېد تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ تىل نورۋېگ ۋە دانىيە تىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. شۋېدلارنىڭ 95 پىرسەنتى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم (لىيۇتېر) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا بۇ دىن شۋېتسىيىدە دۆلەت دىنى خاراكتېرىنى ئالغان دىن ھېسابلىنىدۇ. بىراق شۋېدلاردا دىنىي كۆز قاراش ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. شۋېدلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى سانائەت (شەھەر - بازار نوپۇسى 93 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، قارا بۇغداي، ئارپا، قىزىلچا، ياڭيۇ تېرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا ئېلىكتىرلەشتۈرۈش، ماشىنلاشتۇرۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شۋېدلار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئاسپرانتلارنىڭ مەملىكەت نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى مىللەتلەر قاتارىدا تۇرىدۇ. شۋېدلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى گېرمانلارنىڭ شىمالىي قەبىلىلىرى بولغان سۇۋېلار، كيلىتلار (گۇتىلار) قاتارلىق تارماق قەبىلىلەر بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرى سىكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا ياشاپ، كېيىن بۇ جايغا كۆچۈپ كىرگەن لايلار، فىنلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىپ، پەيدىنپەي شىمالغا قاراپ كېڭەيگەن. Ⅺ - ⅩⅢ ئەسىرلەردە بۇ قەبىلىلەر پەيدىنپەي بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن شۋېد مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. شۋېدلار ئادەتتە ياۋروپاچە قورۇلما تائاملارنى، خام ۋە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، مايلىق يېمەكلىكلەرنى كەم يەيدۇ، ھەر قېتىملىق غىزادىن كېيىن قەھۋە ئىچىدۇ، شۋېدلار كوللېكتىپ سورۇنلار، رېستۇران، ئاشخانا، قەھۋەخانىلاردا ھاراق ئىچمەيدۇ، چۈنكى شۋېدلاردا ھاراق يېرىم مەنئىي قىلىنغان ئىچىملىككە كىرىدۇ، پەقەت ھېيت - بايرام كۈنلىرى ئائىلىلىرىدىلا ئانچە - مۇنچە ھاراق ئىستېمال قىلىدۇ، شۇڭا شەھەرلىىرىدە مەس ئادەم كەم ئۇچرايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا شۇئان ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپ، ھاراق تاشلاش دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. شۋېدلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى ئومۇملاشقان بولۇپ، يىگىت - قىزلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ جورا تاللىشىغا يول قويىلىدۇ، ئۇلار نىكاھتىن ئاجرىشىپ قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇشنى ئېغىر ئالمايدۇ. شۋېدلارنىڭ يېزىلىرىدىكى يىگىت - قىزلارنىڭ توي مەرىكىسى كۆپرەك ئىيون بايرىمىدا ئۆتكۈزىلىدۇ، چۈنكى بۇ كۈننى خاسىيەتلىك كۈن دەپ قاراپ، شۇ كۈنى توي قىلىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولسا، كېيىنكى تۇرمۇشى تېخىمۇ بەخىتلىك ئۆتىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. شۋېدلار يىگىت - قىزلىرى ئىچىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەنتەربىيە بولۇپمۇ پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئارقىلىق كوللېكتىپ توي مەرىكىسى (مۇراسىمى) ئۆتكۈزۈش بىر خىل يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلانغان. شۋېدلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق يېڭى يىل، ئىيۇن (ئادەتتە ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقىدىكى جۈمە، شەنبە ئۆتكۈزىلىدۇ)، لوسيە (ھەر يىلى 13 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، روژدېستۋو (ھەر يىلى 25 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، باھار بايرىمى ۋە ئاياللار كۈنى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرى بار. شۋېدلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئالاھىدە جۇغراپىيىۋى مۇھىت ۋە تىنچ تۇرمۇش تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۈمىدۋار ھەم كەم سۆز كېلىدۇ، بىراق مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، سۆز - ھەرىكەت ۋە ئەدەپ - قائىدە جەھەتتە سىپاھى كېلىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا غەرب مىللەتلىرىگە ئوخشاش بىر - بىرىنى سۆيۈپ قويماي، قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. شۋېدلار يات كىشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، يېشى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى يامان كۆرىدۇ. <13> سانىدىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەيدۇ. مېھماننىڭ ساھىپخانغا ھاراق سوۋغا قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئادەتتە بىر - بىرىگە ئاساسەن گۈلدەستە ياكى شاكىلات قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ، بىراق قىزىل گۈلنى خالىغانچە سوۋغا قىلمايدۇ، چۈنكى قىزىل گۈلنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش مەنىسى بار. شۋېدلار ياتما نېلوپەر(باتاناق)، گۈلچىھرەنى مىللەتنىڭ سىمۋولى ۋە دۆلەتنىڭ گۈلى دەپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. شۋېدلار ئاياللارنى، قىز بالىلارنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدۇ. قۇلۇم - قوشنىلار بىرەيلەننىڭ ئائىلىسىدە قىز تۇغقانلىقىدىن خەۋەر تاپسا، ھەممەيلەن خوشاللىقىدىن سوۋغا - سالام بىلەن كىرىپ تەبرىكلەيدۇ. شۋېدلار مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ھېرىسمەن كېلىدۇ، ئۇلاردا قار - مۇز ئۈستى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە چويلا توپ، پۇتبۇل قاتارلىقلار بىر قەدەر ئومۇملاشقان. شۋېدلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىر مۇنچە كەشىپياتچى، ئالىم ۋە ئەدىبلەر مەيدانىغا كېلىپ، ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشقان. مەسىلەن: مەشھۇر خىمىيە ئالىمى ۋە كەشپىياتچى ئالفىردبوئىنخادنوبېل (1833 - 1896) ۋە 1901 - يىلى تەسسىس قىلىنغان ھازىر خەلقئارادا ھەريىلى 10 - دىكابىر ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ئالىملىرى، ئەدىب ۋە تىنچلىقپەرۋەر كىشلەرگە بېرىلىدىغان <نوبېل مۇكاپاتى> بىلەن، شۋېدلار دۇنيا مىللەتلىرىگە تۇنۇشلۇق. شۋېدلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەڭرىنى كۈيلەيدىغان ھەمدۇسانا ۋە ناخشا - قوشاقلارنى ئاساس قىلغان. شۋېدلار ئەزەلدىن مۇلايىم، كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل ۋە مېھماندوستلىقى بىلەن ياۋروپادا داڭق چىقارغان، شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر پاناھلانغۇچى ياكى مۇساپىر ئالدى بىلەن شېۋىتسىيىنى ئۆزىگە ماكان قىلىپ تاللاپ كەلگەن. شۋېدلاردا گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئاسراش ئومۇمىي ئەخلاققا ئايلانغان. بۇ ھەقتە ئالاھىدە قانۇنلار چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار كىشلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ ۋە جەرىمانە تۆلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
شۋېدلار | UyghurWiki | UyghurWiki