كاسىيلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كاسىيلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ھىندىستاننىڭ مېگالايا شىتاتىنىڭ كاسى - كائىنتىياتاغلىق رايونى بىلەن ئاسسام شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى بېنگال جۇمھۇرىيتىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 250 مىڭ.
كاسىيلار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ئاۋىسترالىيە ئىرقى ۋېدا تىپىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ بار؛ جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى مون - كخمېر گۇرۇپپىسىغا تەۋە كاسىي تىلىنى قوللىنىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
كاسىيلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە شال، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، خاسىڭ، ستروس ئۆسۈملۈكلىرى ۋە سىپارى ئۆستۈرىلىدۇ.
كاسيلار بوئېلار، مىكىرلار، ۋارلار، لىنگاملار، خادېملار، پىنار ۋە جائىد - دىكارلار قاتارلىق يەتتە تارماققا بۆلۈنىدۇ.
كاسىيلار مېيتنى ئالدى بىلەن كۆيدۈرۈپ، ئۇستىخان كۈلىنى مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن دەپنە قىلىدۇ.
كاسيلار كۆپ خىل ئىلاھ ۋە ئاتا بوۋىلىرىغا چوقۇنۇش، تۇخۇمنى يەرگە يۇمىلىتىپ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئايرىش ئادەتلىرى بار.