UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرلۇخىيەلەر

لۇخىيەلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر لۇخىيەلەر شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <بالوخىيەلەر>، <ئابالۇيەلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 8.81 پىرسەنتى كېنىيە (2 مىليون 100 مىڭ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار كېنىيە نوپۇسىنىڭ 14 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى تانزانىيە (500 مىڭ) ۋە ئۇگاندا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 700 مىڭ. لۇخىيەلەر نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۇلار باكۇسۇ، ئېتنوكا، كابراس، بۇنىئولا بوتىسۇتىسۇ، تاگون، باسامىيە قاتارلىق 15 تەك قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ، ھەر بىر قەبىلە نەچچە ئۇرۇقتىن تەركىب تاپقان. لۇخىيەلەر نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە لۇخىيە تىلىنى قوللىنىدۇ، سۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ.لۇخىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرى ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لۇخىيەلەر ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، كېۋەز، شېكەر قۇمۇچى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، شىمالىي قىسمىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لۇخىيەلەردە قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاتا جەمەتىگە قاراپ مال - مۈلۈككە ۋارسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئوغۇللىرىنىڭ بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمى ۋە سۈننەت تويىنى قىلىدۇ، بەزى قەبىلىلىرى ئىچىدە قىزلىرىنىڭمۇ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
لۇخىيەلەر | UyghurWiki | UyghurWiki