UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمېندېلار

مېندېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مېندېلار سېررالېئوندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ماندېلار>، <كوسسالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2.99 پىرسەنتى سېررالېئون بىلەن كوتېدىۋادا ئولتۇراقلاشقان، سېررالېئوندا نوپۇسى 1 مىليون 540 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. كوتېدىۋادا 1 مىليون 800 مىڭ مېندې بار. ئاز قىسمى لىبېرىيە (10 مىڭ) دە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. مېندېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسىى نېگىر - كونگو تىللىرى (ماندې تىللىرى) گۇرۇپپىسىنىڭ ماندې تىللىرى تارمىقىغا تەۋە مېندې تىلىنى قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىنگىلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. مېندېلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئاز قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. مېندېلارنىڭ 75 پىرسەنتى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى كانلاردا ئىشلەيدۇ. دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن مايلىق پالما، قەھۋە، كاكائو، مانىخوت قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. مېندېلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولغان ماندېلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن كو، كىپا، سېۋا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. مېندېلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئاساسەن ئۆزلىرى توقىغان كۆك ياكى قارامتۇل كەلگەن ماتادىن تىكىلىدۇ. ئەرلىرى يۇڭسىز نىمچە، ئاياللىرى رەڭگارەڭ ئۇزۇن يوپكا كېيىپ، بېشىنى گۈللۈك ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ.مېندېلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادىتى ئۆزگىچە بولىدۇ، ئادەتتە يىگىتلىرى مەلۇم مەخپىي ئۇيۇشمىلارغا قاتنىشىپ تەربىيە كۆرگەندىن كېيىن توي قىلىپ، ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. مېندېلاردا يىگىت قىز تەرەپكە تويلۇق ئۈچۈن نەق پۇل تۆلەيدۇ، بۇ پۇل تۆلىنىپ بولغىچە يىگىت قىز تەرەپتە تۇرىدۇ. مېندېلارنىڭ روژدېستۋا، پاسخا قاتارلىق ئەنئەنىۋى دىنىي بايرىمىدىن باشقا <بالاغەت بايرىمى> دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە بايرىمىمۇ بار. مېندېلاردا مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى ساۋاتىسىز.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر