تۈركلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۈركلەر <كۆك تۈركلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، <تۈرك> - ئەسلىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا ھۇنلار، سىيانپىلار، جورجانلاردىن كېيىن ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە - مىللەت نامى ھەم خانلىق نامى، ئۇلار دەسلەپتە ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىنى ئاساس قىلغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە بولۇپ، جورجانلارغا بېقىنغان. 446 - يىلى ئاشىنا قەبىلىسى جورجانلارغا قارشى يۈرۈش قىلغان، ئالاھەزەل 546 - يىلى ياكى 552 - يىلى ئاشىنا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى تۈمەننىڭ باشچىلىقىدا، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى تۆلۆسلار (تېلېلار)، قىتانلار، خاككاسلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان، كېيىن ئېفتالىتلار، جورجانلارنىمۇ يوقىتىپ، ئۆتۈكەن تېغىنى ئۆزىگە بارىگاھ قىلىپ 552 - يىلى تۈرك خانلىقىنى قورغان، تۈرك خانلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە لياۋشۈي دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ئامۇ دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان، يەنى ھازىرقى موڭغۇل يايلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ، ئېلىمىز ۋە دۇنيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادى 583 - يىللىرى بۇ خانلىق ئالتاي تېغىنى پاسىل قىلغان ھالدا غەرب ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئىككى قىسمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي تۈركلەرنىڭ بارگاھى ئۆتۈكەن تېغىدا بولۇپ، قاغانى مۇقان (553 - 572) ئىدى، غەربىي تۈركلەرنىڭ بارگاھى يۇلتۇزدا بولۇپ، قاغانى ئىستەمى (552 - 576) ئىدى. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، پامىر ئەتراپلىرىدا ئىدى. غەربىي تۈرك خانلىقى كېيىن بارگاھىنى يۇلتۇزدىن سۈيئاب (چۇ دەرياسى) ۋادىسىدىكى مىڭبۇلاققا كۆچۈرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن غەربىي يۇرتتىكى قوچۇ، سۇلى (قەشقەر)، ئۇدۇن (خوتەن)، كۈسەن (كۇچار)، كىنگىت (قارا شەھەر) قاتارلىق بەگلىك دۆلەتلەرمۇ بىر مەھەل غەربىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىگە ئۆتكەن. 657 - يىلىغا كەلگەندە غەربىي تۈركلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زېمىن تاڭ سۇلالىسى ئىلكىگە ئۆتۈپ، غەربىي تۈركلەر زېمىنىدا تېنقنۇر ۋە ئىسسىق كۆلدىن ئىبارەت ئىككى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان.
غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئارلىقىدا بولغانلىقتىن سودا، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.
تۈركلەر يېزىق ئىجاد قىلىپ، بىر مۇنچە يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان، تۈركلەر بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسمىدا نەچچە ئەسىر داۋام قىلغان مالىمانچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسىمىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشىگە زور تۆھپە قوشقان. تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇرقۇن - ئۇيغۇر خانلىقى دەسسىگەن.