ئازاندېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئازاندېلار <زاندېلار>، <ساندېلار> ۋە <نىئامنىئاملار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئازاندېلار ئوتتۇرا ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.70 پىرسەنتى ئۇبانگى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى زايىرنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى (1 مىليون 700 مىڭ) دا، 4.20 پىرسەنتى سۇداننىڭ غەربىي جەنۇبىي (470 مىڭ) دا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى (270 مىڭ) دا ۋە باشقا ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 690 مىڭ.
ئازاندېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن ساندې، ئاۋۇنگدرا، باندىيا، ئابارامبۇ ۋە مايوگو قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئازاندېلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئازاندې تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
ئازاندېلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋ ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ئاھالىلىرى ئىچىدە پېرىخونلوق ئەۋج ئالغان، ئاز قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسى ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، مانىخوت قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ئازاندېلار ئەسلىدە ئاقنىل دەرياسى ۋادىلىرى بىلەن كوردوفان رايونىدا ياشاپ، كېيىن پەيدىنپەي جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، زايىرنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، سۇداننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
ئازاندېلار ⅩⅦ ئەسىرگە كەلگەندە قەبىلە ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن، ⅩⅪ ئەسىردە بىر دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئازاندېلار كەنت - كەنتلەرگە بۆلۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ، مال - مۈلۈككە ۋارسلىق قىلىدۇ، قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ھوقۇقى چوڭ بولىدۇ.
ئازاندېلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمىگە يول قويۇلىدۇ، بۇ خىل نىكاھ تۈزۈمى، يېزىلىرىدا كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ، بەزى ئەرلەرنىڭ 7 - 8 خوتۇنى بولىدۇ، شۇڭا ئازاندېلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى يۇمىلاق شەكلىدە سېلىنىپ، قورۇنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيدە ئەر، ئەتراپىدىكى ئۆيلەردە ئاياللار ئايرىم - ئايرىم ئولتۇرىدۇ.
ئازاندېلارنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى بالاغەتكە يېتىش بايرىمى بولۇپ، بۇ ئادەتتە ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق پەسلىدە باشلىنىپ، يامغۇر پەسلىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە ئازاندې يىگىت - قىزلىرىنىڭ <تەركىدۇنيالىق تۇرمۇشى> ئاياغلىشىپ، بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى مۇراسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئازاندېلاردا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرۇش ئادىتى بار، سۈننەت قىلدۇرۇش ئاساسەن كوللېكتىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، سۈننەت قىلغان بالىلار ئادەتتە ئىككى ئايغىچە ئۆيگە قايتمايدۇ، قىز - ئوغۇللار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشمايدۇ، ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن قەبىلە ئەزالىرى ئۇلار شەرىپىگە كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئاندىن كېيىن بالىلار ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىدۇ.