مورۇ - مانگبېتۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مورۇ - مانگبېتۇلار <مورۇ - مادلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مورۇ - مانگبېتۇلار ئېكۋاتور ئافرىقىسدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن كونگو دەرياسى بىلەن ئاقنىل دەرياسىنىڭ سۇ بۆلگۈچ بەلباغلىرىدا، يەنى 6.51 پىرسەنتى ھازىرقى زايىرنىڭ شەرقىي شىمالىي (850 مىڭ)، 3.41 پىرسەنتى ئۇگاندانىڭ غەربىي شىمالى (680 مىڭ) ۋە سۇداننىڭ جەنۇبىي (110 مىڭ) قىسمىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسىى 1 مىليون 840 مىڭ.
مورۇ - مانگبېتۇلار مورۇ، مادې، لوگو، لېندۇ، مانگبېتۇ قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي مورۇ - مانگبېتۇلار دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ.
نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ.مورۇ - مانگبېتۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى كاتولىك ياكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
مورو - مانگبېتۇلار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ياغاچ ئويمىكارلىقى، كۇلالچىلىق، پىل چىشى ئويمىچىلىقى بىلەن ئافرىقىدا داڭ چىقارغان. مەدەنىيىتى يەرلىك پىگمىچېلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.