UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئۇلىستېرلار

ئۇلىستېرلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۇلىستېرلار ئىنگىلىز - شوتلاند - ئىرلاندلىقلار ياكى شوتلاند - ئىرلاندلىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇستېرلار ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن شىمالىي ئىرلاندىيىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 115 مىڭ بولۇپ، شىمالىي ئىرلاندىيە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كانادا، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيىدىمۇ بىر قىسىم ئۇلستېر بار. ئۇلىستېرلار ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلىستېرلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كېمىسازلىق، ئايرۇپىلان ئىشلەش، ماشىنسازلىق قاتارلىق سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىر قىسمى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلستېرلار ئىنگلىزلار، شوتلاندلار بىلەن يەرلىك ئىرلاندلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۆزئارا ئارىلىشىشىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئارىلاشما قان مىللەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئۇلىستېرلار | UyghurWiki | UyghurWiki