تۇلۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تولۇلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ تامىرناد، ماخاراشترا، كاناتاك قاتارلىق شىتاتلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 500 مىڭ.
تولۇلار ئاۋستىرالىيە ئىرقى ۋېدا تىپىغا كىرىدۇ، دراۋېد تىللىرى سىستېمىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىلنى قوللىنىدۇ.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، جىن ئالۋاستىلارغا چوقۇنىدۇ.
تۇلۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
تۇلۇلار ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمى ۋە ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، مال - مۈلۈككە ئانا جەمەتكە قاراپ ۋارىسلىق قىلىدۇ.