UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرساساكلار

ساساكلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ساساكلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار كىچىك زوند تاقىم ئاراللىرىغا تەۋە لۇمبۇك ئارىلىنىڭ ۋە شەرقىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ساساكلار لۇمبۇك ئارىلىدا ياشىغۇچى يەرلىك ئاھالە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك. ساساكلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ساساك تىلىنى قوللىنىدۇ. ساساكلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئاز بىر قىسمى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ساساكلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، قەھۋە، كوكۇس ۋە تاماكا ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە مېتال بۇيۇملىرىنىڭ ھىندونېزىيىدە داڭقى بار. ساساكلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيىتى بالىنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ساساكلار بۇنىڭدىن 1000 - 2000 يىللار ئىلگىرى مالاي يېرىم ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن يېڭى مالايلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيۇشىشى بىلەن پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر