UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربرېتونلار

برېتونلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر برېتونلار فرانسىيىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى برېتانې يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئاھالە بولۇپ، نوپۇسى 2 مىليون 300 مىڭ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. برېتونلار ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق ۋاقىت فرانسۇزلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن فرانسۇز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئاز قىسمى يەنى يېزىلاردىكى ئاھالىلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى كېلىت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ برېتان تىلى تارمىقىغا تەۋە برېتون ئېغىز تىلىنى قوللىنىدۇ. برېتونلار ئاھالىلىرى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، برېتونلار ئاساسەن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، كېمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي ۋە يەم - خەشەك تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا سۈت - گۆش كالىسى بىلەن چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. برېتونلارنىڭ ئەجدادلىرى گېرمان قەبىلىلىرىدىن كېلىتلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان برېتانىلار، گاللار بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىن برېتانىيە (ئەنگىلىيە) ئارىلىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادى Ⅴ ئەسىرگىچە ئاساسەن بۇ ئارالنىڭ خوجايىنلىرى بولۇپ كەلگەن، بىراق Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە ئەنگلو - ساكسۇن قاتارلىق گېرمان قەبىلىرىمۇ بۇ ئارالغا كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان، شۇڭا برېتونلارنىڭ بىر قىسمى يەنە دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئارمورىكا (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ برېتانى) يېرىم ئارىلىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا فرانسۇزلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.برېتونلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى فرانسۇزلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. برېتونلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان ئەنئەنىۋى بايرىمى تۆۋە قىلىش بايرىمى بولۇپ، مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. بۇ بايرامدا ئاساسەن نامايىش قىلىش، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش، ناخشا - قوشاق ئېيتىشىش، بىر جەمەت كىشلىرى جەم بولۇپ غىزالىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر