UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربۇگىنېسلار

بۇگىنېسلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بۇگىنېسلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <بۇگىنلار>،<بۇگىسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 3 مىليون 930 مىڭ بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 7.98 پىرسەنتى سۇلاۋېسى ئارىلىنىڭ غەربى جەنۇبىي قىسمى بىلەن كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقى جەنۇبىي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاقىم ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان. سىنگاپور، مالايسىيىدىمۇ بىر قىسىم بۇگىنېسلار بار، بۇگىنېسلار ھىندونېزىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇگىنېسلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەبۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان بۇگى تىلىنى قوللىنىدۇ؛ مالاي ۋە ھىندونېزىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ، مىللىي يېزىقى بار. بۇگىنىسلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇگىنېسلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھىندونېزىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى تاۋار ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال تېرىيدۇ. بۇگىنېسلار يېڭى مالايلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، بۇرۇندىلا كېمىچى مىللەت ئىدى، ئۇلارنىڭ سودا كېمىلىرى شەرقتە غەربىي ئىرىئان ئارىلىدىن شەرقتە سۇماتراغا قەدەر، سىمالدا ئوتتۇرا جەنۇب يېرىم ئارىلىدىن جەنۇبتا ئاۋىستىرالىيىنىڭ شىمالىغا قەدەر بولغان ئارلىقتا قاتناپ تۇراتتى.بۇگىنېسلار ئادەتتە 20 - 40 ئۆيلۈك بىر كەنت بولۇپ ئولتۇرىدۇ، نەچچە كەنت بىرلىشىپ بىر مەھەللىۋى توپنى (گۇرۇھنى) تەشكىل قىلىدۇ، دىنىي پائالىيەتلەرگە <بېسىۋ> دەپ ئاتىلىدىغان مۇتىۋەللىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بۇگىنېسلار | UyghurWiki | UyghurWiki