خۇيزۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خۇيزۇلار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. خۇيزۇلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان (ئېلىمىزدە 2 مىڭدەك ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەننىۋاسىدا خۇيزۇلار بار) مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسى 8 مىليون 600 مىڭ.
خۇيزۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تېخى بىرلىككە كەلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش ئەھۋالى ئېلىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئانچە ئوخشىمايدۇ. خۇيزۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىدە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغىنى بىر ياكى بىر نەچچە مىللەت بولماستىن، بەلكى ئۇلار نۇرغۇنلىغان تۈرلۈك مىللەت - قوۋم كىشىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن.
خۇيزۇلار تىل - يېزىق جەھەتتە، خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى خەنزۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان خەنزۇ تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىغا بەزى ئەرەب ۋە پارسچە سۆزلەر دۇڭزۇ - دەيزۇ تىللىرى گۇرۇپپىسى دۇڭزۇ - تايلاند تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تىلنى قوللىنىدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - ئايەم، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى 10 نەچچىگە يېتىدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ ئاساسلىق ھېيت - بايراملىرى، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت.
خۇيزۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يېزىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن، بەزى جايلاردىكىلىرى قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر - بازاردىكىلىرى ئاساسەن سودا - سېتىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خۇيزۇلار سودا - سېتىققا ماھىر كېلىدۇ.
خۇيزۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
خۇيزۇلار يىمەك - ئىچمەك جەھەتتە، ساپ - تازا، پاكىز بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەكروھ، ھارام، سويۇلمىغان (بوغۇزلىمىغان) ۋە كۆشىمەيدىغان، كۆرۈمسىز، مۇش تۇياق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى، ئات گۆشىنى يىمەيدۇ، ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىستېمال قىلمايدۇ.
خۇيزۇلار ئەدەپ - قائىدىلىك كېلىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالام - سائەتتىن كېيىن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. غىزادىن كېيىن، ياكى بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا، داستۇرخانغا قاراپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. ئۆزئارا ھەمسۆھبەت بولغاندا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايدۇ، قۇلاق، بۇرۇن، چىشىنى كولاشقا، يەرگە تۈكۈرۈشكە، مىشقىرىشقا يول قويمايدۇ، مۇھىت ۋە شەخسىي تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئادەتتە ھاراق ئىچمەيدۇ، چېكىملىك چەكمەيدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ دەپنە قائىدە - يوسۇنلىرى ئاساسەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
خۇيزۇلار ئادەتتە ئۆز مىللىتى دائىرسىدە نىكاھلىنىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، غەيرى دىندىكى يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ. خۇيزۇ يىگىت - قىزلىرى ئۆزلىرىگە لايىق تاللاش ۋە نىكاھلىنىشتا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ پىكرىگە ھۈرمەت قىلىدۇ.
خۇيزۇلاردا بالا تۇغۇلغان كۈنى بالىغا دىنىي ئات قويىدۇ، مەكتەپ يېشىغا توشقاندا رەسمىي ئات قويۇلىدۇ. ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت قىلىدۇ، قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تېشىدۇ، تىرناقلىرىغا خىنە يېقىپ قويىدۇ.
خۇيزۇلار ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. خۇيزۇ خەلقىنىڭ <خۇار> (گۈل - چېچەك) ناخشىسى ئامما ياقتۇرىدىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە مىللىي ئېپىك مۇھەببەت ناخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقاخۇيزۇلار ئەپسانە، رىۋايەت، لەتىپە، داستان قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغىمۇ باي. خۇيزۇلارنىڭ خەلق رىۋايەتلىرىدىن <ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانام>،<ۋەنگاسنىڭ قىسسىسى>، <غەربىي ئاستانىدىكى خېنىم>، <ئالتۇن قۇچقاچ>، ئىشقى مۇھەببەت چۆچەكلىرىدىن - <ماۋۇگې بىلەن گادومى>، <ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئاق كەپتىرى>، <مەنسۇر>، <ئىمام توغرىسىدا چۆچەك> قاتارلىقلار بار.
خۇيزۇلار ئېلىمىز تارىخىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. خۇيزۇلار تارىخىدا مەشھۇر ئاسترونوم جامالىددىن، ئالاۋۇددىن، ماخۇەن، دۇنياغا مەشھۇر دېڭىزچى جىڭ خې، شائىر ۋە ئەدىب - لىجى، دېڭ خېنيەن، سىياسىيئون - خەي رۈي ۋە جىن داجۈي، شاچېن، ساڭ يىڭدۇ قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەپەككۇر، ئەدىب ۋە پەن - تېخنىكا ئالىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
خۇيزۇلاردا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن كالتەك توپ، ياغاچ ئاياقتا مېڭىش، شىر ئوينىتىش، ئۆكۈز بىلەن ئېلىشىش، چامباشچىلىق، جانبازلىق، چېلىشىش قاتارلىقلار بار، بۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپىنچە ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئېلىپ بارىدۇ.
خۇيزۇلار ئاق رەڭنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ، خۇيزۇلار ئادەتتە قىبلىگە قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشنى، پۇتىنى قىبلىگەقىلىپ يېتىشنى، يالاڭ باش، ئۆرە تۇرۇپ غىزالىنىشنى، كىشىنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىشنى، ئۆزئارا گەپ توشۇشنى ئېغىر ئالىدۇ.