فۇلبېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
فۇلبېلار غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدا ياشىغۇچى دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىغان ئاساسلىق مىللەتلەر تۈركۈمىنىڭ بىرى بولۇپ، <ئافۇلى>، <فۇلانى>، <پېئول> ۋە <فۇلا> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. فۇلبېلارنىڭ 59 پىرسەنتى نىگېرىيە (13 مىليون) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى گۋىنىيە - بىسائۇ، سېررالېئون، يېشىل تۇمشۇق، گانا، توگو، چاد قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. فۇلبېلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىليون 200 مىڭ.
فۇلبېلار بەربەر ۋە سۇدان - نېگىر شالغۇت ئىرقىغا كىرىدۇ (ئۆز ئىچىدىن ئاداماۋا، بورورو، فۇتاجالون، گىدېفۇلبې ۋە لىپتاكو قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ). فۇلبېلار تارقاق جايلاشقانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشلەر ئۇلارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنى مۇستەقىل مىللەتلەر دەپمۇ قاراپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە فۇلبېلار دبىر خىل مىللەتلەر گۇرۇھىغا كىرىدۇ.
فۇلبېلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە فۇلبې (فۇلانى) تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان مىللىي يېزىقى بار.
فۇلبېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، بىر قىسمى خرسىتئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ ياكى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.
فۇلبېلار بۇرۇن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى، ھازىر كۆپىنچسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يۈزلەندى. تەخمىنەن 30 پىرسەنتى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
فۇلبېلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا خىلمۇ - خىل قاراشلار بار. سېنېگال دەرياسى ۋادىلىرى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىزلىك رايونى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى Ⅶ ئەسىردە نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا دۆلەت قۇرۇشقا كىرىشكەن. Ⅺ ئەسىرگە كەلگەندە زېمىنىنى كېڭەيتكەن. ئەرەبلەر مەغرب دۆلەتلىرىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بەربەرلەر جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، فۇلبېلار رايونىغا كىرگەن. ⅩⅡ ئەسىردە فۇلبېلارنىڭ بىر قىسمى ئانا ماكانىدا قېپقالغان، كۆپ قىسمى ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ، تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن، بۇ كۆچۈش ⅩⅧ ئەسىرگىچە داۋام قىلىپ، ھازىرقى ئولتۇراقلىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن، جۈملىدىن بىر مۇنچىلىرى يەرلىك ئاھالىلەرگە سىڭىپ كەتكەن. توپتوغرا ئالتە ئەسىردەك داۋام قىلغان كۆچۈش ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىدە غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.
فۇلبېلار تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن غەربىي ئافرىقىدىكى ئون نەچچە ئەلگە تارقىلىپ كەتكەچكە، كىشلەر ئۇلارنى ئافرىقا <سىگانلىرى> دەپمۇ ئاتايدۇ.
فۇلبېلارنىڭ ئەڭ كاتتا مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى - ھۇدۇنگا بايرىمى، چوماقلىشىش بايرىمى ۋە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
فۇلبېلار پىلنى كۈچ - قۇدرەت ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار يېڭى يىل ھارپىسىدا پىللارنى يېتىلەپ كوچا - رەستىلەرنى ئايلىنىپ نامايىش قىلىشىدۇ، ناخشا - ئۇسسۇلچىلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، بۇ خىل ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى گۋىنىيىدىكى فۇلبېلار رايونىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.