UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرفىلىپپىنلىقلار

فىلىپپىنلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر فىلىپپىنلىقلار فىلېپىن ئاراللىرىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى، جۈملىدىن فىلىپپىننىڭ ئاساسلىق ئاھالىلىرىنىڭ نامى بولۇپ، ۋېسسايان، تاگال، ئىفورگاۋ، ئىپاناگ ۋە ئىلوكو قاتارلىق نەچچە ئونلىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىليوندىن كۆپرەك، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا(840 مىڭ)، كانادا(120 مىڭ)، ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ 1 مىليوندەك فىلىپپىنلىق تارقاق ئولتۇراقلاشقان. فىلىپپىنلىقلارنىڭ كۆپچىلىكى موڭغۇل ئىرقى شەرقىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئاۋىستىرالىيە ئىرقى نېگىرتا تىپىغا كىرىدۇ. فىلىپپىنلىقلار جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تاگال تىلى (فىلىپپىن تىلى) نى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىنگىلىز تىلىنى قوللىنىدۇ؛ ئۆزىنىڭ يېزىقى بار. فىلىپپىنلىقلارنىڭ 87 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 10 پىرسەنتى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، 3 پىرسەنتى بۇددا دىنى ياكى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فىلپپىنلىقلارنىڭ 70 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال ۋە كۆممىقوناق، كوكۇس پالمىسى، كاۋچۇك، مانىلا كەندىرى، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. فىلىپپىنلىقلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى نېگىرتالار بىلەن مالايلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئېھتىمال دېڭىز ئارقىلىق ئاسىيا قورۇقلۇقىدىن فىلىپپىن ئاراللىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇشى كېرەك. نېگىرتالار بۇنىڭدىن 20 مىڭ يىل ئىلگىرى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن فىلىپپىن ئارىلىغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى ئائېتالار ئىدى. مىلادىدىن ئاۋۋالقى 3000 - 1000 يىللىرى فىللىپپىنگە يەنە مالايلىقلار دېڭىز ئارقىلىق كۆچۈپ كىرگەن. بۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى كالىنگىلار، گاددانلار، ئىلونگوتلار، تاگبانۋالار، ياگوبالار ۋە مانوبالار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فىلىپپىنلىقلارنىڭ مەنبىئى، مىللەتلەر ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جاي، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. فىلىپپىنلىقلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىك بايراملىرى نەچچە يۈزگە يېتىدۇ. بۇ بايراملاردىن ئورتاق بولغان ئاساسلىق بايراملىرى - يېڭى يىل بايرىمى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى (ھەر يىلى 21 - سىنتەبىر ئۆتكۈزىلىدۇ)، ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى (14 - فېۋرالدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، مۇستەقىللىق بايرىمى (12 - ئىيولدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى (ھەر يىلى 1 - نويابىردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، روژدېسىۋۇ بايرىمى، پاسخا بايرىمى، نازارېنو بايرىمى، (ئىلاھنى قارشى ئېلىش بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ، ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، ماي گۈل سەيلىسى ۋە سۇ كالىسى بايرىمى (5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) ۋە خانقىز تاللاش بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.فىلىپپىنلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ. خۇراز سوقۇشتۇرۇش، ئات سوقۇشتۇرۇش، بۇقا ئۈسۈشتۈرۈش كەڭ ئەۋج ئالغان. فىلىپپىندە ئاقچە گۈل (يەسىمەن) نى شاد - خۇراملىق، دىيانەتلىك، مۇھەببەت ۋە دوستلۇقنىڭ سمۋولى دەپ قاراپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. فىلىپپىنلىقلار نارا دەرىخىنى مىللەتنىڭ سمۋولى قىلىپ ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ، فىلىپپىنلىقلار غەرب مىللەتلىرىگە ئوخشاش <13> رەقىمى بىلەن جۈمە كۈنىدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەيدۇ. شۇڭا فىلىپپىندا 13 - نومۇرلۇق ئۆي بولمايدۇ، 13 ئادەم بىر داستىخاندا غىزالانمايدۇ، جۈمە كۈنى ساقچىلار تىلەمچىلەرنىڭ شەھەر رەستىلىرىدە تىلەمچىلىك قىلىشىنىمۇ توسىمايدۇ. فىلىپپىنلىقلار چۈشكۈرۈشنى، تۇزنىڭ يەرگە چېقىلىپ كېتىشىنى، تۈن يېرىمىدا ئىتنىڭ قاۋىشىنى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەيدۇ. فىلىپپىنلىقلار ياتلىق بولمىغان قىزلارنى ئوچاق بېشىدا ناخشا ئېيتقۇزمايدۇ، كۆل بويىغا بېرىپ شولىسىغا قاراشقا يول قويمايدۇ، بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار مەڭگۈلۈك قېرى قىز بولۇپ قالىدۇ ياكى تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن تۇل بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ. فىلىپپىنلىقلار يول ئۈستىدە ئاتنىڭ تاققىسى ئۇچراپ قالسا، يىلان يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە ئامەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. فىلىپپىنلىقلار قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ. فىلىپپىنلىقلار ياشانغان مويسىپىت كىشلەرنى ھۈرمەتلەيدۇ، كۈندىلىك ئائىلە تۇرمۇشىدا، كىچىكلەر چوڭلاrنمىڭ قولىغا سۆيۈپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا كېسىپ ئۆتمەيدۇ، غىزاغا ئولتۇرغاندا ئاۋۋال چوڭلار، ئاندىن كىچىكلەر غىزالىنىدۇ، چوڭلار غىزالىنىپ بولغىچە داستىخاندىن نېرى كەتمەيدۇ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سالمايدۇ، ئالدىدا قاقاھلاپ كۈلمەيدۇ، قاتتىق ئاۋاز ۋە قوپال تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىمەيدۇ. فىلىپپىنلىقلار ئۆزگىچە رەڭ بوياش قارىشىغا ئىگە. ئۇلار ئادەتتە ئاق رەڭنى ساپلىققا، كۆك رەڭنى سەمىمىي ساداقەتلىككە، قىزىل رەڭنى باتۇرلۇق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
فىلىپپىنلىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki