UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسۇدانلىقلار

سۇدانلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر <سۇدانلىقلار> دېگەن بۇ نام مىللەتشۇناسلىق ئىلمىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: (1) <سۇدان ئەرەبلىرى> نى كۆرسىتىدۇ. دۇدان ئەرەبلىرى سۇداندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاساسەن سۇداننىڭ شىمالىي، غەربىي شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 11 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 39 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ قالغان قىسمى چاد (1 مىليون 300 مىڭ)، ئېفئوپىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. سۇدان ئەرەبلىرى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، يېزىقى بار. ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، بىر قىسمى باشقا مەزھەپلەرگە ئېتىقاد قىلىدۇ. سۇدانلىقلار دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كېۋەز، ئاگاۋى، كۆممىقوناق، چاي، خورما ئۆستۈرىلىدۇ. سۇدانلىقلار سۇداننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. سۇدان ئەرەبلىرى Ⅶ ئەسىردىن كېيىن مىسىر تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن ئەرەبلەر بىلەن يەرلىك نېگىرلار ۋە نوبىيىلىكلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئۆزئارا قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. سۇدان ئەرەبلىرى خاسانىيا، شۇكرىيا، پاتاھىن، ھاماران قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. (2) سۇدان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، نوپۇسى 25 مىليون 825 مىڭ، ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى يېزىلارغا جايلاشقان، سۇدانلىقلار جەمئىي 570 دەك قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇدانلىقلار ئىرقى ۋە تىلىغا قاراپ ئاساسەن شىمال سۇدانلىرى ۋە جەنۇب سۇدانلىرى دەپ ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ. شىمال سۇدانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشلەر ئەرەب تىلىنى بىلىدۇ. جەنۇب سۇدانلىرى سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى ئوتلاق، سازلىق جايلارغا جايلاشقان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئانىمىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاز قىسمى خرىستىئان ياكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 80 دىن كۆپرەك قەبىلە تىللىرىنى قوللىنىدۇ. شىمال سۇدانلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بەزى رايوندىكىلىرى چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.جەنۇب سۇدانلىرى ئاساسەن نېگىرلاردىن ئىبارەت، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بەزىلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سۇدانلىقلار يېمەك - ئىچمەك، كېيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە ھېيت - بايرام قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئاساسەن ئەتراپىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرىنى يەنىلا ساقلاپ كەلمەكتە. سۇدانلىقلار بولكا بىلەن قوناق ئۇنىدىن ياسالغان قاتۇرماچنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، يەنە ئاق چۈمۈلە، كېپىنەك قۇرتى قاتارلىق ھاشارەتلەرنى ماي بىلەن قورۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۇدانلىقلار تاماقتىن كېيىن شېكەر بىلەن پەمىل چاي ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. سۇدانلىقلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلىرى ئەرەنچە نىمچا كېيىپ، بېشىنى ئاق ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ، ئاياللىرى ئاق ياكى باشقا رەڭدىكى نېپىز سارۇن بىلەن ئۇچىسىنى يۆگەپ يۈرۈيدۇ، بىراق چۈمبەل تارتمايدۇ. سۇدانلىقلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى يۈزىگە گۈل ياكى قەبىلە - قوۋملىرىنىڭ بەلگىسىنى چېكىۋالىدۇ، بىراق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل ئادەت بارغانسېرى ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. سۇدانلىقلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، شۇڭا سۇدانلىقلارنىڭ توي مەرىكىسى ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن باشلىنىپ، ناخشا - ئۇسسۇل ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ. سۇدانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى قالاق بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى ساۋاتىسىز.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
سۇدانلىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki