باشقىرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
باشقىرلار روسىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <باشقىرتلار> ياكى <باشقۇرتلار> دەپمۇ ئاتايدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 450 مىڭدىن كۆپرەك. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشقىرىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 22 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاز بىر قىسمى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ چېليابىنسكى، قورغا، پرم، سۋېردلوۋ، ۋورونېژ، ساراتوۋ قاتارلىق جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
باشقىرلار ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا (جەنۇبىي سېبىرىيە تىپىغا) كىرىدۇ: ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە باشقىر تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان ئېلىپبەسىگە ئۆزگەرتىلگەن.
باشقىرلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
باشقىرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇبى رايونىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
باشقىرلار جەنۇبىي ئورال تېغىنىڭ يان باغرىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش داۋامىدا، ھەم ئورال تېغى ئەتراپىدا ياشىغان فىن - ئۇگۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىن كەلگەن تۈرك، ئوغۇز - پېچىنەك، قپچاق قاتارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ، پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
باشقىرلار ئاساسەن بولكا، سېرىق ماي، سۈزمە - قۇرۇت ۋە ئۇن غىزاسىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، كالا، قوي گۆشى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلىدۇ، قىمىز، قېتىق قاتارلىق ئېچىتقان ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، توم تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ.
باشقىرلارنىڭ ئەر - ئاياللىرى قوي تېرىسى ۋە ئۆزى توقۇغان يەرلىك رەختتىن تىكىلگەن نىمچە كېيىدۇ، ئاياللىرى مارجان ۋە قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان خىلمۇ - خىل ئاسقۇلارنىڭ تاقىۋالىدۇ.
باشقىرلار ناخشا - قوشاق ۋە ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق خەلق ناخشىلىرى، خەلق رىۋايەت، چۆچەكلىرى، يېقىملىق مۇزىكا - كۈيلىرى بار.