UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋېسايانلار

ۋېسايانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋېسايانلار فىلىپپىندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ۋېسايان تاقىم ئاراللىرى بىلەن مىندورو ئارىلىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 22 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 43 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ۋېسايانلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ۋېسايان تىلىنىڭ تۆت خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. ۋېسايانلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ۋېسايانلار دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال، بانان، شېكەر قومۇچى، كاكائو، مانىلا كەندىرى قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ۋېسايانلارنىڭ ئەجدادلىرى، ئېيتلىشىچە قەدىمكى زاماندا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە Ⅶ ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە كالىمانتان ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن يېڭى مالايلىقلار بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىتىن ھاسىل بولغان مىللەت. ۋېسايانلارنىڭ ھەر قايسى ئاراللاردا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى تىل دىئالېكتى، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا كىشلەر ئۇلارنى باشقا - باشقا مىللەت دەپ قارايدۇ. ۋېسايانلار ⅩⅥ ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن ئىسپانىيە، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. 1946 - يىل فىلىپپىن مىللەتلىرى بىلەن بىرگە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ۋېسايانلار دەسلەپ ھىندىستان مەدەنىيىتىنى، كېيىن ئىسپانىيە، ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ۋېسايانلاردا بۇرۇن بەدىنىگە خەت (گۈل) چېكىۋېلىش ئادىتى بار ئىدى. ھازىر بۇ خىل ئادەت كەم ئۇچرايدۇ، ۋېسايانلار ئاتا جەمەت ۋە ئانا جەمەت بويىچە نەسەبنامىسىنى ھېسابلايدۇ ۋە مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر