UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرلاۋتېڭلار

لاۋتېڭلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر لاۋتېڭلار لائوستا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، بەزىدە <كالار>، <خۇتىڭلار>، <پويىنلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لاۋتىڭلار ئاساسەن بروفىن ئېگىزلىكى ئەتراپىدىكى يېرىم تاغلىق رايوندا ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى تايلاندنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، لائوس ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. لاۋتېڭلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى مون - كخمېر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كا تىلىنى قوللىنىدۇ؛ مىللىي يېزىقى يوق. لاۋتېڭلارنىڭ كۆپ قىسمى تەبىئەت ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. لاۋتېڭلار كا قوۋمىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئالاق، كاتان، ئېنى، مو، لاۋا، پۇتۇڭ، تاۋيى قاتارلىق تەركىبىنى ئۆزئىچىگە ئالغان. كا قوۋمى قەدىمكى مون - كخمېرلارنىڭ بىر تارمىقىنىڭ تارمىقىنىڭ تارمىقىنىڭ ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. لاۋتېڭلار ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تۆۋەنرەك بولۇپ، ئۆرتەپ - چوقۇلاپ تېرىيدىغان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىپتىدائىي ئۇرۇق - قەبىلىداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان، ئۇلارنىڭ بىر مۇنچە تارماقلىرى نۆۋەتتىكى لاۋلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشىغا ئۇچرىماقتا. لاۋتېڭلار ئادەتتە ئۆزلىرى ئىشلىگەن ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ ھەمدە مېھمانلارنى ھاراق قۇيۇپ كۈتۈۋالىدۇ، چۈنكى لاۋتېڭلار ھاراق ئىچىدىغان ئادەم خۇشخۇي، مەرد كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. لاۋتېڭلاردا يىگىت - قىزلىرىنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشىغا يول قويىدۇ، ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى توي ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ، ھەتتا بەزى جايلاردا يىگىت - قىزلىرى توي مەرىكىسىدىن بۇرۇن بىرگە بولۇپ ئاندىن توي قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. لاۋتېڭلار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش بىلەن باش سۆڭىكىنى قۇتىغا قاچىلاپ دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ، ئادەتتە ئادەم ئۆلۈپ شۇكۈنى بىر ئاخشام ساقلاپ ئەتىسى تاڭ يورۇش بىلەنلا دەپنە قىلىدۇ، بەزى جايلىرىدا مېيتنى تاغقا ئاپىرىپ يەتتە كۈن تاش بىلەن باستۇرۇپ قويۇپ، يەتتە كۈندىن كېيىن باش ئۇستىخىنىنى قاچىغا ئېلىپ دەپنە قلىدۇ. دەپنە قىلىپ بولۇپ كالا ئۆلتۈرۈپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ كالىنىڭ بېشىنى قەبرە بېشىغا قويۇپ قويىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
لاۋتېڭلار | UyghurWiki | UyghurWiki