UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرچېچېنلار

چېچېنلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر چېچېنلار روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليونغا يېقىن، ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 58 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز بىر قىسمى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. چېچېنلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ، كاۋكاز تىللىرى سىستېمسىى داغىستان تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ناخ تىل تارمىقىغا تەۋە چېچىن تىلىنىڭ 7 خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. چېچېنلارنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، 1938 - يىلى سىلاۋيان يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن، ھېلىمۇ بۇ يېزىقنى قوللىنىپ كەلمەكتە. چېچىنلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. چېچېنلارنىڭ تۈزلەڭلىك رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، قوناق، ئاپتەپپەرەس قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ ھەمدە مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرىلىدۇ، تاغلىق رايونىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كىگىز بېسىش، خۇرۇم ئىشلەش، خۇمدانچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ھەمدە نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ھازىرقى زامان سانائىتىمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. چېچېنلار شىمالىي كاۋكازنىڭ ئەتراپىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادىن بولۇپ، كېيىن زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان. چېچېنلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، تاش، ياغاچىتىن قوپۇرۇلىدۇ، تۈز ئۆگزىلىك، كۆپ قەۋەتلىك كېلىدۇ. چېچېنلار كۆممىقوناق تالقىنى ياكى قازان نېنى، جۇۋاۋا ۋە باشقا ئۇن غىزالىرىنى ئاساس قىلىدۇ، كاۋاپ، سۈزمە،قۇرۇت قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشنى، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چېچېنلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا يەلكىسى كەڭ پىلاش كېيىدۇ، ئاياللىرى بېلى تار كەلگەن تىك ياقىلىق كۆڭلەك ياكى كەڭ ئېتەكلىك يوپكا كېيىدۇ، مەيدىسىگە كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى، ھالقا، ئۈزۈك سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چېچېنلارنىڭ ھېيت - ئايەم، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئۇزىتىش ئادەتلىرى ۋە پەرھىزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. چېچېنلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى مول بولۇپ، ئەل ئارىسىدا داستان، قوشاق، ھېكايە، چۆچەك، رىۋايەت، مەسەل قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ چېچېنلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى - <نارىت> ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
چېچېنلار | UyghurWiki | UyghurWiki