UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئاككادلار

ئاككادلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئاككادلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملارنىڭ بىر تارمىقى. ئاككادلار ئاساسەن تىگىر (دەجلە) ۋە فرات دەرياسى ۋادىلىرى (ھازىرقى ئىراق) نى ئۆزىگە ماكان قىلغان. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللاردا سۈرىيە يايلىقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. پادىشاھ سارگۇن Ⅰ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 2369 - 2314) ئەتراپىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاككاد پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. پادىشاھ نادام - سېن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 2290 - 2254) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە زېمىنى كېڭىيىپ، شىمالدا ئەرمىنىيە، شەرقتە زاگروس تاغلىرى، غەربتە ئەرەبىستانغىچە يېتىپ بارغان. بۇ پادىشاھلىقنى 2200 - يىلى زاگروس تاغلىرى ئەتراپىدىن كەلگەن گوتېلار ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئاككادلار سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاككاد تىلىنىڭ ئاسسۇر ۋە بابىلۇن دىئالېكتىنى قوللانغان. شۇڭا بۇ تىل ئادەتتە ئاسسۇر - بابىلۇن تىلى دېيىلىدۇ. بۇ تىل مىلادىدىن بۇرۇنقى 30 - ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى دەريا ۋادىسىدا قوللىنىلغان شىنا شەكىللىك ئەڭ قەدىمكى يېزىق تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئاككادلار | UyghurWiki | UyghurWiki