مانىپۇرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مانىپۇرلار <مېيتخېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مانىپۇرلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، كۇكى - چىنلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن مانىپۇر شىتاتىدا (99 پىرسەنتى) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 110 مىڭ.
مانىپۇرلار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، قومۇلم لۇئاڭ، مۇئىراڭ، مېيتخېلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، شۇڭا مانىپۇرلارنى بەزىدە مېيتخېلار دەپمۇ ئاتايدۇ.
مانىپۇرلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى، تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مانىپۇر تىلىنى قوللىننىدۇ، بېنگال يېزىقى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
مانىپۇرلار دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئوردا خاتىرىلىرىدە قەيت قىلىنىشچە، مانىپۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادى 30 - يىللىرى دۆلەت قۇرۇپ ئۇزاق ۋاقىت سىرت بىلەن ئالاقە قىلماي كەلگەن، Ⅷ ئەسىردە بىرما خان جەمەتى تۇنجى قېتىم مانىپۇرلار بەگلىكىدە زىيارەتتە بولغان، ⅩⅤ ئەسىردە بىرما شان خان جەمەتى بىلەن قۇدىلاشقان، ⅩⅧ ئەسىرگە كەلگەندە ھىندى دىنىنى قوبۇل قىلغان.
مانىپۇرلارنىڭ تۇرار جايى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى كۇكى - چىنلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
مانىپۇرلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ.
شۇڭا مانىپۇرلارنىڭ ھىندستاندا <ئۇسسۇلچى> دەپ داڭقى بار. ئۇلار قەدىمكى يامغۇر تىلەش، مول ھوسۇل تىلەش ۋاقتىدا ئوينايدىغان ئۇسسۇلى ھازىر ھىندىستاندا خېلى كەڭ تارالغان بولۇپ، ھىندىستان ئۇسسۇلى ھازىر ھىندىستاندا خېلى كەڭ تارالغان بولۇپ، ھىندىستان ئۇسسۇل مەزھەبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ خىل ئۇسسۇل كوللېكتىپ ئوينىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇزىكىسى ئاددىي ئاممىباب، ھەرىكىتى چەبدەس، قىزىقارلىق بولۇپ ھەر قانداق سورۇندا ئوينىغىلى بولىدۇ.