گۇئەنچېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇئەنچېلار ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز ساھىلىدىكى كانارى تاقىم ئارىلىدا ياشىغۇچى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نامى ھەم مىللەت نامى. نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليون 300 مىڭ.
گۇئەنچېلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ياۋروپادىن شىمالىي ئافرىقا ئارقىلىق ئۆتۈپ، كانار تاقىم ئاراللىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار ⅩⅤ ئەسىردە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن.ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى 1479 - يىلى بۇ تاقىم ئاراللارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، گۇئەنچېلارنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ قىرغان، ھايات قالغانلىرى ئىسپانلار تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنغان، 1927 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ ئۆلىكىسىگە ئايلاندۇرىۋېلىنغان. ھازىرقى گۇئەنچېلار ئىسپانلار بىلەن قەدىمكى گۇئەنچېلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئارىلاشما قانلىق مىللەت بولۇپ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە. ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يېزىقى بار؛ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى گۇئەنچېلار ئەمەلىيەتتە ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ شەكىللەنگەن كانارلىقلاردىن ئىبارەت. ساپ گۇئەنچېلار ھازىر كۆپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ تەق - تۇرقى ۋە مەدەنىيىتى ئىسپانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق بىر ئايال كۆپ ئەرلىك بولۇش نىكاھ ئائىلە تۈزۈمىگە يول قويۇلىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ماترىئارخاللىق (ئانا جەمەت) بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
گۇئەنچېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شىكەر قومۇچى، بانان، ئۈزۈم، تاماكا ئۆستۈرىلىدۇ.