سەلجۇقىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سەلجۇقىلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى.
سەلجۇقىلار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۈرك تىلىنى قوللانغان.
سەلجۇقىلار قەبىلە باشلىقى سەلجۇق (Ⅹ - Ⅺ ئەسىر) دېگەن كىشى بولغانلىقتىن بۇ قەبىلە ئۆزلىرىنى شۇنىڭ نامى بىلەن <سەلجۇق تۈركلىرى> دەپ ئاتىغان. سەلجۇقىلار ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىر دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغۇچى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ئىدى. Ⅺ ئەسىرنىڭ 40 - 80 - يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە قۇدرەت تېپىپ، بىر مەھەل ئىران، ئەزەربەيجان، خارەزم، كۇردىستان، ئەرمىنىيە، گرۇزىيە، كىچىك ئاسىيا، ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، سەلجۇقىلار ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغان. 1071 - يىلى ۋىزانتىيىنى مەغلۇپ قىلىپك پۈتكۈل كىچىك ئاسىيانى دېگۈدەك ئىگىلەپ، غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىگە ئايلانغان.
سەلجۇقىلار ⅩⅡ ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە، غەربىي ياۋروپا ئەھلى سەلىب قوشۇنى ۋە قىتانلارنىڭ سىرتتىن ھۇجۇم قىلىشى ھەم ئىمپېرىيىدىكى ھەر مىللەت خەلىقنىڭ زەربىسى ئاستىدا زېمىنى پەيدىنپەي تارىيىپ زاۋالغا يۈزلەنگەن. ئۇلاردا پەقەت رۇم سۇلتانلىقىلا ساقلىنىپ قالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى موڭغۇل قوشۇنى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئون نەچچە مۇستەقىل قوشۇنى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئون نەچچە مۇستەقىل كېنەزلىككە (بەگلىككە) بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئوسمان كېنەزلىكى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بولۇپ، بۇلار كېيىن، قۇدرەت تېپىپ، ئوسمان ئىمپېرىيسى بەرپا قىلغان.
(<ئوسمانلار> غا قاراڭ)