UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركولومبىيىلىكلەر

كولومبىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) كولومبىيىلىكلەر كولومبىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 94 پىرسەنتى كولومبىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 29 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9.81 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. كولومبىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ۋېنېسۇئېلا، ئامېرىكا، پاناما قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. كولومبىيىلىكلەر شالغۇت ئىرققا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىلىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. كولومبىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كولومبىيىلىكلەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە قازمىچىلىق سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا قەھۋە، بانان، بۇغداي، كۆممىقوناق، كۈنجۈت، خاسىڭ، شېكەر قۇمۇچى، كاكاۋۇ قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. كولومبىيىلىكلەر يەرلىك ئىندىئانلار بىلەن ئىسپانلار، ئىيالىيانلار، گېرمانلار قاتارلىق ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادىلىرى ۋە نېگىرلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئارىلىشىشىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئارىلاشما قان مىللەت. (2) كولومبىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى تەخمىنەن 32 مىليون 300 مىڭ، بۇنىڭ يېرىمىنى ئىندىئان - ئىسپانلاردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، 25 پىرسەنتىنى ئاقتەنلىكلەر، 14 پىرسەنتىنى نېگىر - ئاقتەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار ئىگىلەيدۇ، ئىندىئانلار، نېگىرلار ئاران تۆت پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئىندىئانلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى دىنى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. كولومبىيىلىكلەر مەدەنىيەت جەھەتتە ئىسپانىيە، ئىندىئان ۋە ئافرىقا مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە روشەن بولغان ئىندىئان تۈسىنى ئالغان. كولومبىيىلىكلەر ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. كولومبىيىلىكلەرنىڭ روژېستۋو بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، تەنتەنە بايرىمى (5 - 7 - يانۋار ئۆتكۈزىلىدۇ)، پاسخا بايرىمى، <قەھۋە پادىشاھ بايرىمى> (ئۇ يانۋاردا ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بولۇپ، شۇ كۈنلىرى بۇقا سوقۇشتۇرۇش، توخو سوقۇشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى كۆرىدۇ، تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. كولومبىيىلىكلەر دۇنيادا ھېيت - بايرىمى ئەڭ كۆپ مىللەت بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ھېيت - بايراملىرى مىڭدىن كۆپرەك. ئوتتۇرىچە كۈنىگە ئۈچتىن بايرام توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىلىرىغا دائىر بايراملار ئىگىلەيدۇ، مەسىلەن، كۆممىقوناق ئىلاھى بايرىمى، بۇغداي ئىلاھى بايرىمى، پىياز ئىلاھى بايرىمى، كېۋەز ئىلاھى بايرىمى، قەھۋە ئىلاھى بايرىمى ۋە باشقىلار. كولومبىيىلىكلەر چۈمۈلىنى ئېسىل سەي قاتارىدا ئىستېمال قىلىدۇ ۋە ئەزىز مېھمانلىرىنى چۈمۈلە كاۋىپى بىلەن مېھمان قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كولومبىيىلىكلەر | UyghurWiki | UyghurWiki