UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرزارامولار

زارامولار

دۇنيادىكى مىللەتلەر زارامولار تانزانىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ساكازالار>، <سارامولار>، <ۋازامولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زارامولار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن رۇفىجى، نىدېنگېرىكو قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارغا بۆلۈنىدۇ. زارامولار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي بانتۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە زارامو تىلىنى قوللىنىدۇ، سۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بەزىلىرى دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەردە مەدىكارلىق قىلىدۇ.زارامولاردا پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاتا جەمەتى بويىچە نەسەب ھىساپلاپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىدۇ. زارامولارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئەرەب پاسونىدىكى ئاق نىمچە، بېشىغا ئاق تەقىيە كېيىدۇ، ئاياللىرى قارا ئۇزۇن كۆڭلەك كېيىپ بېشىغا قارا رومال سالىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالىدۇ. زارامولاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. زارامولارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر