بامبارالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بامبارالار <بامالار> <بامانانكېلار> دەپمۇ ئاتىلدۇ. بامبارالار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئاھالىلىرى سېنىېگال دەرياسى بىلەن نىگېر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن تىمباكتو رايونىغا قەدەر بولغان جايلاردا يەنى 3.19 پىرسەنتى ھازىرقى مالى (2 مىليون)، كوتېدىۋا (140 مىڭ)، گۋىنىيە قاتارلىق ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان، بامبارالار مالىدا ياشىغۇچى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 170 مىڭ بولۇپ مالى نوپۇسىنىڭ 34 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بامبارالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ماندى تىللىرى تارمىقىغا تەۋە بامبارا تىلىنى قوللىنىدۇ، بامبارا تىلى مالىدىكى ئەڭ چوڭ تىل بولۇپ، مالى ئاھالىسىنىڭ 70 پىرسەنتى مۇشۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ، مىللىي يېزىقى بار، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
بامبارالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بامبارالار ئاساسەن دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق بىلەن شال تېرىلىدۇ، چارۋىچلىقتا كالا، قوي، تۆگە بېقىلىدۇ.
بامبارالار مالىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتىلىك مىللەت بولۇپ، ⅩⅦ ئەسىردىن ئاۋۋال سېگۇ، كېيىن كائارتا دۆلىتىنى قۇرۇپ، غەربىي ئافرىقا تارىخىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.
بامبارالار ھازىرمۇ مالىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
بامبارالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، ئۆلۈم - يېتىم ۋە توي - تۆكۈن ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
بامبارالار قائىدە - يوسۇنلۇق ھەم مېھماندوسىت كېلىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، ھال - ئەھۋال سوراپ ئۆتىدۇ، ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى تونۇش - تونۇماسلىقىدىن قەتئىينەزەر تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە قونالغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بامبارالار قارا رەڭنى بەخت - سائادەتنىڭ بەلگىسى، گۈزەللىكنىڭ سىماسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئاياللىرى پۇت - قول ھەتتا چىشلىرىنىمۇ قارا رەڭدە بويىۋالىدۇ.
بامبارالارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى <بوبو> دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەش - ئالتە مېتىر ئەن رەختتىن تىكىلىدۇ، ياقىسىز، يېڭى كەڭ بولۇپ، ئادەتتە سالقىن بولىدۇ، پۇتىغا ساپما كەش كېيىۋالىدۇ.