موردوۋالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
موردوۋالار ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى رايونى يەنى ھازىرقى روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە موردوۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون 298 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ 1 مىليونى 192 مىڭى موردوۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 5.64 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، يەنە بىر قىسمى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ساراتوۋ، گوركى، ئوليانوۋسكى ئوبلاستلىرى، تاتارىستان، باشقىرىت، چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە سىبىرىيە، ئوتتۇرا ئاسيادا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
موردوۋالار موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئورال تىپى (بەزىلەر: ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ دەپ قارايدۇ) غا كىرىدۇ؛ موكشالار، ئېرزىيەلەردىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ.
موردوۋالار ئورال تىللىرى سىستېمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ فىن تىل تارمىقىغا تەۋە موردوۋا تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ھەر ئىككى دىئالېكتىكىدا سۆزلىشىدىغان موردوۋالارنىڭ رۇس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى رۇس تىل - يېزىقىنى بىلىدۇ.
موردوۋالار ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن.
موردوۋالار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ماشىنسازلىق، خىمىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز ياساش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، قارا بۇغداي، ياڭيۇ، قىزىلچا، تاماكا، زىغىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
مىللي كىيىم - كېچەكلىرى كانۋاي تۇتقان ئاق كۆڭلەك بىلەن قەدىمكى رىم پاسونىدىكى نىمچە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاياللىرى مەيدىسىگە مارجان، قۇلۇلە قېپى ۋە تەڭگە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنچاق قاتارلىقلارنى ئېسىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ.
موردوۋالارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىر قەدەر مول بولۇپ، تارىخىي رىۋايەت، مۇھەببەت داستانلىرى بىلەن قوشاقلارنى ئاساس قىلىدۇ.
موردوۋالار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا بايراملىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
موردوۋالاردا يىگىت - قىزلارنىڭ توي مەرىكىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئومۇمەن ناخشا - ئۇسسۇل، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ، توي مەرىكىسىدە يىگىت بىلەن قىز ئۆزئارا توي ئۈزۈكى ئالماشتۇرىدۇ.
يىگىت بىلەن قىز قولىغا ئىككى تال ياندۇرۇلغان شامنى كۆتىرىپ كىرىدۇ، بۇ، <مۇھەببەت يالقۇنى> دەپ ئاتىلىپ ھاياتلىق نۇرى، بەخت - سائادەتكە سىمۋول قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا موردوۋالاردا <توي خاتىرىسى كۆچىتى تىكىشى> ئادىتىمۇ بار.