UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركوستارىكانلار

كوستارىكانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) كوستارىكانلار <تىكوسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار كوستارىكادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 5.98 پىرسەنتى كوستارىكا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 920 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر قىسمى ئامېرىكا، پانامادا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 270 مىڭ. كوستارىكانلار ھىندى - ياۋروپا شالغۇت ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. كوستارىكانلارنىڭ كۆپىنچىلىرى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كوستارىكانلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاساسەن قەھۋە، بانان، شېكەر قومۇچى ۋە كۆممىقوناق، شال ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا بىلەن ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. كوستارىكانلار ئەسلى چىبچالارنى ئاساس قىلغان ئىندىئانلار بىلەن ئىسپانلارنى ئاساس قىلغان ياۋروپا ئاقتەنلىك كۆچمەنلەر ۋە نېگىرلارنىڭ ئارىلىشىشىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئارىلاشما قان مىللەت. (2) كوستارىكا جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 2 مىليون 960 مىڭ، بۇنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىسپانىيە كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادىنى ئاساس قىلغان ئاقتەنلىكلەر ئىندىئانلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، 10 پىرسەنتىنى ئىندىئان ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، يەتتە پىرسەنتىنى نېگىرلار ياكى نېگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاشما ئىرقىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كوستارىكانلار يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە يېنىك سانائەت ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كوستارىكانلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا رەڭلىك كۆڭلەك، گەلەپى شىم، پۇتىغا ئۆتۈك، بېشىغا كەڭ قاسقانلىق چىغ قالپاق كېيىدۇ، كۆپىنچىلىرى ساقال قويىۋالىدۇ. ئاياللىرى گۈللۈك يوپكا ياكى كۆڭلەك كېيىدۇ. كوستارىكانلار ئاساسەن كۆممىقوناق، پۇرچاق، گۈرۈچ غىزاسى بىلەن بانان (شياڭجياۋ) نى ئىستېمال قىلىدۇ. كوستارىكانلار روژدېستۋو بايرىمى بىلەن شادلىق بايرىمىنى ئەڭ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. كوستارىكانلاردا توپ تۈرلىرى ئومۇملاشقان. ئات بەيگىسى، ئۆكۈز ۋە خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمۇ تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ. كوستارىكانلار سەمىمىي، مۇلايىم، كەمتەر، ئۈمىدۋار كېلىدۇ، لەۋزىدە تۇرىدۇ، قائىدە - يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا <ئەتىگىنىڭىز خەيرىلىك بولسۇن>، <كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن> دەپ سالام بېرىدۇ، ھەم قول بېرىپ كۆرىشىدۇ. مېھمانغا بارغاندا تۇخۇم پوشكىلى، ھاراق قاتارلىقلارنى سوۋغات سۈپىتىدە ئالغاچ بارىدۇ. كوستارىكانلار <13>، <5> سانلىردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، بىراق <3>، <7> رەقەملىرىنى خاسىيەتلىك دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر