ليۇكسېمبۇرگلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ليۇكسېمبۇرگلار ليۇكسېمبۇرگ بەگلىكىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 300 مىڭ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 76 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ ليۇكسېمبۇرگلاردىن 20 مىڭى بار.
ليۇكسېمبۇرگلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بالتىق دېڭىزى تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان ۋە گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ليۇكسېمبۇرگ تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىلىرى نېمىس، فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ 60 پىرسەنتى سانائەت، قاتناش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغانلىرى دېھانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ: شىمالىي تاغلىق رايوندىكىلىرى چارۋىچىلىقنى، شەرقىدىكىلىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئارپا، بۇغداي، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرىلىدۇ.
ليۇكسېمبۇرگلار ئىگىلىكى راۋاجلانغان مىللەت بولۇپ، شەھەر نوپۇسى ئۇمۇمىي نوپۇسىنىڭ 68 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ مەدەنىيەت مائارىپىمۇ گۈللەنگەن بولۇپ، پەرزەنتلىرى كىچىكىدىنلا ئىككى خىل تىل ئۆگىنىدۇ.
ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ ئەجدادلىرى رىملاشقان بىلگلار بىلەن فرانكلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، ئېتنىك تەركىبى نېمىسلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.
ليۇكسېمبۇرگلار فرانسۇز ۋە نېمىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، يېمەك - ئىچمىكىدە ئىككى مىللەت قورۇلما تائاملىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ فرانسۇزچە قورۇلما تائاملىرىنى يەنى ياڭيۇ، گۆشلۈك تائاملارنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلار تاتلىق پىچىنە يېيىشنى، سۈت، قەھۋە، ۋىنو، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاماقنى ئاساسەن كەچتە يەيدۇ.
ليۇكسېمبۇرگلار مېيتنى مېتال ساندۇققا قاچىلاپ دەپنە قىلىدۇ، ھېچقانداق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيدۇ، مۇسىبەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرى ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويىدۇ.
ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ، ئاساسلىق ھېيت - ئايەملىرى روژېستۋو، پاسخا بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، ئەيسانىڭ ئەرشكە چىقىش بايرىمى، ۋىنو بايرىمىدىن ئىبارەت. ليۇكسېمبۇرگلار روژدېستۋو بايرىمىنى ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.