گۇجارلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇجارلار جەنۇبىي ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن جام، كەشمىر رايونى، ھىندىستان (1 مىليون) ۋە پاكىستاندا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار گۇركۋالى، كۇماۋىن قاتارلىق قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نوپۇسى 4 مىليون 900 مىڭ، گۇجارلار ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان پەھلى - پەنجاپ ئارىلاشما تىللىرىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
ئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
گۇجارلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گۇجارلار گۇجاراتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا بەزىلەر ئۇلارنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان گۇجاراتلار ياكى مۇسۇلمان گۇجارلىرى دەپمۇ ئاتايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئىراندىن كەلگەن ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىپى مۇرتلىرىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ.
گۇجارلار قەبىلە - ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىشىدىغان نۇرغۇن تائىپە (ۋارنا) لارغا بۆلۈنىدۇ؛ ئۇلاردا قىزلىرىنى بالاغەتكە يەتمەستىن ياتلىق قىلىش، ئوغۇللىرىنى ئۆيلەش ئەۋج ئالغان.
گۇجارلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ئۆلۈم - يېتىم، توي - تۆكۈن ئىشلىرى ۋە ھېيت - ئايەم ئادەتلىرى ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.