بۇيېزۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بۇيېزۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۆزىنى <پۇجۇئىلار>،<بۇنۇڭلار>،<بۇراۋلار>،<بۇمانلار>،<بويۋەلەر>،<بۇيائىلار>،<جۇڭجيالار> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئاتايدۇ.تارىخنامىلاردا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى <پولار>،<زاڭكېلار>،<ئالياۋلار>،<غەربىي جەنەبتىكى ياقائۇلۇسلار>،<جۇڭمەنلەر>،<چىڭمياۋلار>قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بۈيې مىللىتى دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئاساسەن گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ جەبۇبى، غەربىي جەبۇبىدىكى ئىككى بۇيې - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئەنشۇن ۋىلايىتى، گۇيياڭ شەھرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى گۇيجۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مىياۋزۇ - دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇڭرېن ۋىلايىتى، زۇنيى ۋىلايىتى، بىجيىې ۋىلايىتى، ليۇفەنشۈي ئالاھىدە رايونى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭنە، خۇيلى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لوپىڭ، فۇيۈەن قاتارلىق جايلىرىغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 545 مىڭ.بۇيېلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى تارمىقىغا تەۋە بۇيى تىلىنى قوللىنىدۇ، بىراق شەھەرلەر ۋە بەزى جايلاردىكى بۇيېلار خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدۇ.
بۇيېلار بۇرۇن كۆپ ئىلاھلار ۋە تۇيىن دىنىغا، ئەجدادىغا چوقۇناتتى. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى كاتولىك ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان.
بۇيېلار ئاساسەن مۆتىدىل بەلباغ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي، بانان، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.
بۇيېلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. بۇيېلارنىڭ ئەجدادلىرى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار.بەزىلەر قەدىمكى چىن، خەن سۇلالىرى دەۋرىدىكى <بەييۆلەر>(تۈرلۈك يۆلەر) نىڭ بىر تارمىقى بولغان لويۆلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. بەزىلەر <بەييۆلەر> نىڭ بىر تارمىقىدىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئۇرۇشقاق - بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە ياشىغان <يېلاڭلار> بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
بۇيېلار نىكاھ تۈزۈمى جەھەتتە ئاساسەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئادەتتە قىزلار ياتلىق بولغاندىن كېيىن 1 - 2 يىل ئاتا - ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئاندىن يىگىت تەرەپكە يۆتكەپ كېتىلىدۇ.
بۇيېلار دەپنە ئىشلىرىدا مېيتنى ساندۇققا سېلىپ، يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
بۇيېلارنىڭ چوڭ - كېچىك ھېيىت - بايراملىرى 60 قا يېتىدۇ. بۇيېلار خەنزۇلارغا ئوخشاش چاغان، تاڭزۇڭزا، تاۋۇز چاغىنى بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا يەنە ئۆكۈز پادىشاھ بايرىمى (8 - ئاپرىل)، ئەجدەرھا بەزمىسى، 3 - مارت بايرىمى، <6 - ئىيون> بايرىمى قاتارلىق مىللي ئەنئەنىۋى بايراملارنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
بۇيېلار مېھماندوسىت، سەمىمىي،مەرد كېلىدۇ. بۇيېلار چوڭلارنى ئىنتايىن ھۈرمەتلەيدۇ، چوڭ - كىچىك ئىشلاردا چوڭلاردىن مەسلىھەت سورايدۇ، چوڭلارغا ئىككى قولى بىلەن يېمەك - ئىچمەك سۇنىدۇ. توخو، ئۆردەك قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرگەندە، ئۇلارنىڭ جىگىرىنى چوڭلارغا بېرىدۇ.
بۇيېلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، چۆچەك، مەسەل، ناخشا - قوشاق قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇيېلار ناخشا - بېيتقا ھېرىسمەن، ئۇلار توي - تۆكۈن، ھېيىت - بايرام ۋە ئىشتىن سىرتقى بوش مەزگىللىرىدە ناخشا - بېيىت ئېيتىشىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئۇسسۇللىرى ئىچىدە <پانۇس ئۇسسۇلى>،<شىر ئۇسسۇلى> قاتارلىقلار بىر قەدەر مەشھۇر.
بۇيېلار مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن لىڭگىر تاق - تاق، ئىلاڭگۇچ، چېلىشىش، چۆگىلىمەچ، نۇر ئويناش، تەپكۈچ ئويناش، گۈللۈك بولاق تاشلاش قاتارلىقلار بار.
بۇيېلار ئادەتتە يولۋاس بىلەن مىس دۇمباقنى مۇقەددەس بىلىدۇ، بۇيېلار قەمەرىيە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە ئېتىز - ئېرىق ئىشىنى قىلمايدۇ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۆكۈزنى ئىشقا بۇيېلار قارغاينى بوران - چاپقۇن، ئىسسىق - سوغاققا بەرداشلىق بېرىدۇ، كەنتنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايدۇ دەپ قاراپ، ھەر يىلى كەنتنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىغا قارىغاي كۆچىتى تىكىپ تۇرىدۇ.