سۈرىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سۈرىيىلىكلەر <سۈرىيە ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈرىيىلىكلەر ئاساسەن سۈرىيە جۇمھۇرىيتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليون 680 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 87 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ بىر قىسىم سۈرىيىلىك بار.
سۈرىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ جەنۇبىي تارمىقى بولغان ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ سۈرىيە دىئالېكتىنى ۋە ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
سۈرىيىلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (86 پىرسەنتى) ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى شىئە مەزھىپىنىڭ دروز تارمىقىغا، يەنە بىر قىسمى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم تارمىقىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
سۈرىيىلىكلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق، قوشۇمچە قول - سانائەت، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، كېۋەز ۋە تاماكا، ئۈزۈم، زەيتۇن، ئەنجۈر قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا تۆگە، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى كانچىلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، توقۇمچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائىتىدە ئىشلەيدۇ.
سۈرىيىلىكلەر قەدىمكى ھام تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن ئارامى تىلىدا سۆزلىشىدىغان خۇرىتلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، تارىختا قەدىمكى مارى دۆلىتىنى بەرپا قىلغان ھەمدە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى يېزىق - ئوگارىت يېزىقىنى ياراتقان.
سۈرىيىلىكلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ئەرەبلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق سۈرىيىنىڭ رېستۇران، ئاشخانىلىرىدا ھاراق ئىچىشنى چەكلىمەيدۇ. سۈرىيىلىكلەر كۆكتاتنى خام يېيىشنى، بولكا ياكى قازان نېنى يېيىشنى ۋە قېتىق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سۈرىيىلىكلەرنىڭ قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، مئىراجغا چىقىش كېچىلىكى، قەدر كېچىلىكى ۋە يېڭى يىل قاتارلىق ھېيت - بايراملىرى بار. بىراق سۈرىيىلىكلەر ھەر يىلى 9 - ئايدىكى ئاي يۇمىلاق بولغان كۈننى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى دەپ قارايدۇ.
سۈرىيىلىكلەر قائىدە - يوسۇنلۇق، مېھماندوست ۋە سۆزمەن كېلىدۇ. بولۇپمۇ چەتئەللىكلەرگە، ياقا - يۇرتلۇق مۇساپىرلارغا ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. باشقىلار ئۇلاردىن يول سورىسا، قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، نىشانغا يول باشلاپ بارىدۇ. ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارغا ئەتىر چېچىپ قويىدۇ. ئادەتتە ئەل - ئاغىينىلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىنى سۆيۈپ قۇچاقلىشىدۇ. ئاياللار ، بالىلار، ياشانغان، ئاغرىق، ئاجىز كىشىلەرگە ئاڭلىق ھالدا ئورۇن بېرىدۇ، مويسىپىت، ياشانغان كىشلەر ئالدىدا تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ.
سۈرىيىلىكلەر ئەتىر گۈلنى مىللەت گۈلى دەپ قاراپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ، ئۇنى مىللەتنىڭ سمۋولى، ئۇزاق تارىخىي ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ شاھىدى دەپ ھېسابلايدۇ.
سۈرىيىلىكلەر يىلاننى مۇقەددەس ھېسابلايدۇ. شۇڭا يىلاننى ئۆلتۈرۈشنى يامان كۆرىدۇ؛ سۈرىيىلىكلەر ھۇقۇش، قاغا قاتارلىق ئۇچار قاناتلارنىڭ ئاۋازىنى يامان كۆرىدۇ.